باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
بۇش ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشقىچە لادېننى تۇتۇش بۇيرۇقى چۈشۈردى
2008- 06- 26 10:10 شىنجاڭ گېزىتى

   ‹‹يەكشەنبىلىك تايمىس›› گېزىتىدە 15 – ئىيۇن: بۇش لادېننى تۇتۇش ئۈچۈن، پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىۋاتىدۇ، دەپ خەۋەر بېرىلدى. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بۇش كېلەر نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭغا ‹‹تېخىمۇ بىخەتەر دۇنيا قالدۇرۇش›› مەقسىتىدە، ئۆزى زۇڭتۇڭلۇق تەختىدىن ئايرىلىپ بولغىچە لادېننى تۇتۇش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن. بەشبۇرجەكلىك بىنادىكى بىر ئەمەلدار: ئامېرىكا ئارمىيىسى دەھشەتلىك جەڭگە تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ، دېگەن.

   ۋاشنگتون ۋە لوندوننىڭ دۆلەت مۇداپىئە ۋە ئاخبارات ئۇچۇرلىرىدا ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا لادېننى تۇتۇش ئۈچۈن، قايتىدىن ھەرىكەت باشلىغان ھەم ئەنگلىيىنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشكەن. ئەنگلىيىنىڭ ئالاھىدە پاراخوت ئوتتۇرا ئەترىتى ۋە ئالاھىدە رازۋېدكا پولكى ئامېرىكىنىڭ پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىي چېگرىسىدىكى رايونلاردا لادېننى تۇتۇش ھەرىكىتىگە قاتناشقان، بۇ ئەنگلىيىنىڭ تۇنجى قېتىم ئافغانىستان چېگرىسىدىن قەرەللىك ئۆتۈپ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشى ئىكەن. بۇ ھەرىكەت پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن، بۇ ھەرىكەتتە ‹‹ئوۋچىلار›› بەلگىلىك ئۇچقۇچىسىز رازۋېدكا ئايروپىلانى ۋە ‹‹كومبايىن›› بەلگىلىك ئۇچقۇچىسىز ھۇجۇمچى ئايروپىلان ئىشلىتىلگەن. ‹‹كومبايىن›› بەلگىلىك ئۇچقۇچىسىز ھۇجۇمچى ئايروپىلاندا ‹‹دوزاخ ئوتى›› ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا بولۇپ، ئېنىق نىشانلارغا ھۇجۇم قىلغىلى بولىدىكەن. ئامېرىكا ئاخبارات ئورگىنىنىڭ ئەمەلدارى بۇ خىل كۆپلەپ رازۋېدكا قىلىش ھەرىكىتىنى ۋيېتنام ئۇرۇشى مەزگىلىدە لائوس ۋە كامبودژادا ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەرگە ئوخشاتتى.

   بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ تىرىشچانلىقى توغرىسىدا ئامېرىكىدىكى ئەھۋالدىن خەۋەردار ئەرباب مۇنداق دېدى: بۇش ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىچىدە سادامنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى، مۇبادا ئۇ لادىننىمۇ تۇتۇۋالسا، ئۇنداقتا ئۇ تېخىمۇ بىخەتەر دۇنيا قالدۇرغان بولىدۇ.

   ‹‹11 – سېنتەبىر›› ۋەقەسىدىن كېيىن، لادىننىڭ قېچىپ يۈرگىنىگە يەتتە يىل بولدى. يەتتە يىلدىن بۇيان لادىنغا ئالاقىدار ئۇچۇرلار ئىنتايىن كۆپ بولدى. ئامېرىكا ئاخبارات خادىملىرى لادىن پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى باجاۋۇر قەبىلە رايونىدا يوشۇرۇنۇپ يۈرىدۇ، دەپ قارىدى. بەشبۇرجەكلىك بىنادىكىلەر: ئامېرىكا ئارمىيىسى ‹‹بازا ››تەشكىلاتىنىڭ پاكىستاندىكى تورىنى قىسقارتىش ئارقىلىق، لادىننى ئافغانىستاننىڭ چېگرىسىغا قېچىپ بېرىشقا قىستىماقچى، دېدى.

‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى››دىن 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ