باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
تالىبان تۈرمىگە ھۇجۇم قىلىپ، 1000دەك مەھبۇسنى قاچۇرۇۋەتتى
2008- 06- 26 10:09 شىنجاڭ گېزىتى

   ئافغانىستان خەۋپسىزلىك قىسىمى يېقىندا كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەت قوللىنىپ، تۈرمىدىن قېچىپ كەتكەن 400 گە يېقىن تالىبان مەھبۇسنى تۇتتى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى تالىبان ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدىكى قەندىھار شەھىرىدە تۈرمىگە ھۇجۇم قىلىپ، 1000 دەك مەھبۇسنى قاچۇرۇۋەتكەن. داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان ۋەزىيەتكە قارىتا، ئافغانىستان زۇڭتۇڭى كارزائى 15 – ئىيۇن: ئافغانىستان قىسىملىرىنى چېگرىدىن ئۆتۈپ پاكىستانغا كىرىپ، يوشۇرۇنۇۋالغان قوراللىق ئۇنسۇرلارغا زەربە بېرىشكە ئەۋەتىشكە تەييارلىق كۆرۈۋاتىمەن، دەپ ئاگاھلاندۇردى.

   ئافغانىستان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەرلىك ۋاقىت بىلەن 13 – ئىيۇن كەچ سائەت 30: 9 دا تالىباننىڭ بىر ئەزاسى لىق پارتلاتقۇچ بومبا قاچىلانغان سۇ چېچىش ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ، ‹‹ساربوسا تۈرمىسى››نىڭ دەرۋازىسىغا سوققان ھەم بومبىنى پارتلاتقان، تۈرمە دەرۋازىسى شۇ ھامان ۋەيران بولغان. دەرۋازا ئالدىدىكى قاراۋۇلخانىمۇ پارتلاپ، قاراۋۇلخانىدىكى ساقچىلارنىڭ ھەممىسى قازا قىلغان. شۇنىڭ بىلەن تەڭلا يەنە بىر ‹‹بومبائادەم›› تۈرمىنىڭ ئارقىسىدا بەدىنىگە تېڭىۋالغان بومبىنى پارتلىتىپ، تۈرمىنىڭ ئارقا تېمىدىن تۆشۈك ئاچقان. تالىباننىڭ 30 نەچچە قوراللىق ئەزاسى موتسىكلىت بىلەن تۈرمىگە بۆسۈپ كىرىپ، ئاپتومات ۋە راكېتا بىلەن قاراۋۇللارنى ئوققا تۇتقان ھەم مەھبۇسلارنى قاچۇرۇۋەتكەن.

   تۈرمىنىڭ تېمى ۋە دەرۋازىسى پارتلىتىۋېتىلگەندىن كېيىن، نۇرغۇن مەھبۇس پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تۈرمىدىن قېچىپ چىقىپ، كېچە قاراڭغۇسىدىن پايدىلىنىپ ئەتراپتىكى ئانارلىق ۋە ئۈزۈم باراڭلىرى ئارىسىدا غايىب بولغان. قەندىھار شەھىرىنىڭ ساقچى باش مۇپەتتىشى سەئىد زاكىبى: جەمئىي 870 مەھبۇس قېچىپ كەتتى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تالىباننىڭ 390 ئادىمى بار، دېدى. يەرلىك ساقچىلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ قېتىمقى ھۇجۇمدا توققۇز ساقچى قازا قىلغان، 12 كىشى يارىلانغان. ئۇنىڭدىن باشقا سەككىز مەھبۇس ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن، تۈرمە ئەتراپىدىكى 30 نەچچە ماگىزىن ۋەيران قىلىنغان.

   بۇ قېتىمقى تۈرمىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى توغرىسىدا تالىباننىڭ باياناتچىسى يۈسۈپ ئەھمەدى 14 – ئىيۇن: تالىباننىڭ قاماقتىكى ئەزالىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، بۇ ئىشنى ئىككى ئاي ئەتراپلىق پىلانلىدۇق، دېدى.
بۇ قېتىمقى تۈرمىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى توغرىسىدا، ش ئا ئە ت قىسىمىنىڭ باياناتچىسى بۇرانىك تالىباننىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ ‹‹ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك›› بولغانلىقىنى ئېيتقان، بىراق ئۇ يەنە بۇ ۋەقەنىڭ تەسىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، بۇ تالىباننىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئۈنۈمىنى ئاشۇرالمايدۇ، بۇ ۋەقە بىلەنلا تالىباننى كۈچىيىپ كەتتى دېيىشكە بولمايدۇ، دەپ خۇلاسە چىقاردى.

   ئۈزلۈكسىز يۈز بېرىۋاتقان زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە قارىتا ئافغانىستان زۇڭتۇڭى كارزائى 15 – ئىيۇن: ھەر زامان قىسىم ئەۋەتىپ، چېگرىدىن ئۆتۈپ پاكىستانغا كىرىپ، تالىبان كۈچلىرىگە زەربە بېرىشىمىز مۇمكىن، دەپ ئاگاھلاندۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: قوراللىق ئۇنسۇرلار پاكىستان چېگرىسىدىن ئۆتۈپ، ئافغانىستان ۋە بىرلەشمە ئارمىيىگە ھۇجۇم قىلغان ئىكەن، ئافغانىستانمۇ ئۆزىنى قوغداپ، قارشى ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە تولۇق ھوقۇقلۇق. كارزائى بۇنىڭدىن ئىلگىرى پاكىستان دائىرىلىرىنىڭ پاكىستان چېگرىسى ئىچىدىكى قوراللىق ئۇنسۇرلارغا كەسكىن تەدبىر قوللىنىشىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق بۇ قېتىم ئۇ ئافغانىستان ئارمىيىسىنى چېگرىدىن ئۆتكۈزۈپ، تالىبان قوراللىق كۈچلىرىگە ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى تۇنجى قېتىم جامائەتكە ئاشكارىلىدى. ئەنگلىيە رادىئو شىركىتىنىڭ ئوبزورىدا: بۇ كارزائىنىڭ قوشنا دۆلەتكە ئەڭ ئېغىر ئاگاھلاندۇرۇش بېرىشى، دېيىلدى. بۇ ھەقتە پاكىستان زۇڭلىسى جىرانى پاكىستان ھەر قانداق كىشىنىڭ پاكىستاننىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايدۇ، دېدى.

‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى››دىن  

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ