|
خۇجىنتاۋ
(2008–يىل6–ئاينىڭ23–كۈنى)
ئاكادېمىكلار، يولداشلار:
مەن ئالدى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ 14 – نۆۋەتلىك ئاكادېمىكلار يىغىنى ۋە جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيىسىنىڭ 9 – نۆۋەتلىك ئاكادېمىكلار يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن! ئىككى ئاكادېمىيىدىكى ئاكادېمىكلار ۋە مەملىكەتتىكى پەن – تېخنىكا خىزمەتچىلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن!
12 – ماي ئېلىمىزنىڭ سىچۇەن ئۆلكىسى ۋېنچۇەن ناھىيىسىدە كۈچلۈك يەر تەۋرەپ، ئاپەت يۈز بەرگەن رايوندىكى ئاممىنىڭ ھاياتى، مال – مۈلكى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا زور زىيان يەتكۈزدى. يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق بىر نىيەتتە ئىرادىدىن قورغان ھاسىل قىلىپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كۈرىشىنىڭ زور باسقۇچلۇق غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، يەر – جاھاننى زىل – زىلىگە سالىدىغان قەھرىمانلار مارشىنى ياڭراتتى. بۇ جاپالىق، چوڭ كۈرەشتە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئىلمىي بۆلۈمى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيىسى دۆلەت ئالدىرىغانغا ئالدىراپ، ئاپەت يۈز بەرگەن رايونغا ياردەم بېرىپ، كوللېكتىپنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ۋە كۈچ – قۇدرىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ كۈچلۈك، تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك بولۇشىدا مۇھىم رول ئوينىدى. يولداشلار يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنى زىچ چۆرىدەپ، ئاپەت ئەھۋالىنى باھالاش، قالدۇق يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش، يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش، داۋالاش، ئاپەت يۈز بەرگەن رايوندا يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىككىلەمچى ئاپەتنى بىر تەرەپ قىلىش، ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرگە پائال ئاتلىنىپ، تەتقىقاتنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، يېتەكلەش خاراكتېرىگە ئىگە، ئۇنىۋېرسال، ئالدىن كۆرەر بىر قاتار پىكىر – تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا تەشكىللەش، ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىشىنى ئىلمىي ئاساس بىلەن تەمىنلىدى. ئاكادېمىكلار يەنە بەس – بەستە پۇل ۋە بۇيۇملارنى ئىئانە قىلىپ، مېھىر – شەپقەت يەتكۈزدى. ھازىر يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش باسقۇچىغا قەدەم قويدى، ۋەزىپە ناھايىتى مۈشكۈل. ئاكادېمىكلارنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بىلىمىگە تايىنىپ، تارماق، ئورۇن، پەن ۋە ساھەدىن ھالقىپ، ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىش روھىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پەن – تېخنىكا كۈچى ئارقىلىق ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشقا پائال ياردەم بېرىپ، ئاپەت يۈز بەرگەن رايوندىكى خەلقنىڭ گۈزەل يۇرت – ماكانىنى بۇرۇنراق قايتا قۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كۈرىشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، تېخىمۇ چوڭ تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
تۆۋەندە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30 يىلدىن بۇيانقى ئېلىمىزنىڭ پەن – تېخنىكا ئىشلىرى تەرەققىياتى، جۇڭگوچە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش يولىدا مېڭىش، پەن – تېخنىكا ساھەسىدىكىلەرنىڭ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىدىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئائىت ئۈچ مەسىلە توغرىسىدا سۆزلىمەكچىمەن.
1. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ پەن – تېخنىكا ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى ئۇلۇغ ئەمەلىيەت
بۇ نۆۋەتلىك ئىككى ئاكادېمىيىنىڭ ئاكادېمىكلار يىغىنى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇۋاتقان، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىۋاتقان مۇھىم چاغدا ئېچىلدى. ھازىر ھەممىمىز ئىختىيارسىز 1978 – يىل 3 – ئاينىڭ 18 – كۈنى ئېچىلغان مەملىكەتلىك ئىلىم – پەن يىغىنىنى ئەسلەۋاتىمىز. دەل شۇ يىلى پارتىيىمىز مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە پارتىيە 11 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 – ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا يۆتكەش ۋە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇش ئىستراتېگىيىلىك تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان پارتىيىمىزنىڭ تارىخىدىكى چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە ئۇلۇغ بۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى تارىخىي مەزگىلىنى باشلىدى، شۇنداقلا ئىلىم – پەن باھارىنى كۈتۈۋالدى.
ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش باشلىنىشى بىلەن پارتىيىمىز دۇنيانىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى، كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان خەلقئارا رىقابەتتە پەن – تېخنىكىنى دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئورنىغا قويغاندىلا، تەرەققىيات ئىستراتېگىيىسىنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرگىلى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتى. يولداش دېڭ شياۋپىڭ 1978 – يىلى ئېچىلغان شۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك پەن – تېخنىكا يىغىنىدا پەن – تېخنىكىنىڭ مۇھىم ئورنى، تەرەققىياتنىڭ يۈزلىنىشى، ئىستراتېگىيىلىك مۇھىم نۇقتىسى، پەن – تېخنىكا خادىملىرىنىڭ سىياسىي ئورنى، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەش قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرنى ئومۇميۈزلۈك شەرھلەپ، بايرىقى روشەن ھالدا پەن – تېخنىكا ئىشلەپچىقىرىش كۈچى، زىيالىيلار ئىشچىلار سىنىپىنىڭ بىر قىسمى، تۆتنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى پەن – تېخنىكا ئارقىلىق زامانىۋىلاشتۇرۇشتا، دېگەندەك مۇھىم ھۆكۈمنى چىقاردى. شۇنىڭدىن بۇيان، پارتىيە ۋە دۆلەت پەن – تېخنىكا ئىشلىرىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ۋە ئۇنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، پەن – تېخنىكىنىڭ 1 – ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ئىكەنلىكىنى، دۆلەتنى پەن – تېخنىكا ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيىسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇشنى، پەن – تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى، جۇڭگوچە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش يېڭى يولىدا مېڭىشنى، دۆلەتنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويۇشنى، يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت قۇرۇشنى تەكىتلەپ، پەن – تېخنىكا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىرقاتار مۇھىم فاڭجېن، سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، پەن – تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ پەن – تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ پەن – تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە يېڭىلىق يارىتىشقا، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئاتلىنىش قىزغىنلىقىنى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتۇپ، ئېلىمىزنىڭ پەن – تېخنىكا ئىشلىرىدىكى زور تەرەققىياتتا يېڭى تارىخىي مەزگىلنى كۈتۈۋالدى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30 يىلدىن بۇيان، ئېلىمىزدە ئىلمىي تەتقىقات ئىدىيىسىدىن پەن – تېخنىكا خىزمىتىنىڭ ئورنىغىچە، پەن – تېخنىكا تۈزۈلمىسى، مېخانىزمىدىن پەن تەتقىقات مۇھىتى شارائىتىغىچە، پەن تەتقىقات ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن پەن – تېخنىكا ئەمەلىي كۈچىگىچە قاتارلىق جەھەتلەردە تارىخىي خاراكتېرلىك چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولدى. ئېلىمىزدە بىرقەدەر مۇكەممەل پەن تەتقىقات ۋە تېخنىكا ئېچىش سىستېمىسى شەكىللەندى، خېلى مۇكەممەل پەنلەر ساھەسى بارلىققا كەلدى، ماس كۆلەمگە ۋە بەلگىلىك سەۋىيىگە ئىگە كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلار قوشۇنى يېتىلدى؛ شالغۇت شال، يۇقىرى ئىقتىدارلىق كومپيۇتېر، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچ تەتقىقاتى، ئىنسانلار گېن گۇرۇپپىسى ئۆلچەش تەرتىپى قاتارلىق ئۇل تەتقىقات جەھەتلەردە زور نەتىجە ۋە بۆسۈش قولغا كەلتۈرۈلدى، سىرتقى يۈزلۈك پەن، سىزىقسىز پەن، بىلىش پېنى ۋە يەر شارى سىستېمىسى پېنى قاتارلىق يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان گىرەلەشكەن پەنلەر تېز تەرەققىي قىلدى، بېيجىڭ مۇسبەت – مەنپىي ئېلېكترون سوقۇشتۇرغۇچ، لەنجۇ ئېغىر ئىئونلۇق تېزلەتكۈچ، كەڭ دائىرىلىك، كۆپ نىشانلىق ئوپتىك تالالىق سپېكتر تېلېسكوپى، ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچلۈك توكاماك فۇسىئون تەجرىبە ئۈسكۈنىسى، دۆلەت يېزا ئىگىلىك زىرائەتلىرى گېن بايلىقى قۇرۇلۇشى قاتارلىق دۆلەتنىڭ زور ئىلىم – پەن قۇرۇلۇشى ئېلىمىزنىڭ ئۇل پەن تەتقىقاتىدا زور ئىلگىرىلەش بولۇشىغا ياخشى شارائىت يارىتىپ بەردى؛ سەنشيا بوغۇزى قۇرۇلۇشى، ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى، تۇنجى قېتىملىق ئاي شارىنى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى، چىڭخەي – شىزاڭ تۆمۈريولى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول قۇرۇلۇشى قاتارلىقلاردا زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، رەقەملىك كونترول قىلىنىدىغان ستانوك، يادرو ئېلېكتر، توپلاشتۇرۇلغان توك يولى قاتارلىق دۆلەتنىڭ زور تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەرنى ياساش سەۋىيىسى ۋە ئۆز ئالدىغا ياساش نىسبىتى مۇقىم ئاشتى، يۇقىرى تېخنىكا تەتقىقاتى ۋە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىنىڭ كەسىپلىشىشىدە كۆرۈنەرلىك ئالغا بېسىش بولدى؛ پەن – تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش بولۇپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىگە ماس كېلىدىغان يېڭىچە پەن – تېخنىكا تۈزۈلمىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى، دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتى ئوڭۇشلۇق بولماقتا، پەن – تېخنىكا تەرەققىياتى قانۇنى يادرو قىلىنغان پەن – تېخنىكا قانۇن – نىزامى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشمەكتە.
قىسقىسى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30 يىلدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ ئومۇمىي پەن – تېخنىكا تەرەققىيات سەۋىيىسى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇردى، بەزى پەن تەتقىقات ساھەسى خەلقئارادىكى ئىلغار سەۋىيىگە يەتتى، ئېلىمىزنىڭ پەن – تېخنىكا تەرەققىياتى ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى مۇھىم تىرەككە ئىگە قىلدى. ئېلىمىزنىڭ پەن – تېخنىكا ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن پۈتۈن دۇنيا كۆز تىككەن مۇۋەپپەقىيەتلەر پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقى، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، مەملىكەتتىكى پەن – تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. ئىككى ئاكادېمىيىدىكى ئاكادېمىكلارنى ئۆزئىچىگە ئالغان مەملىكەتتىكى پەن – تېخنىكا خىزمەتچىلىرى ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا زور تۆھپىلەرنى قوشۇپ، تارىخىي نەتىجىلەرنى ياراتتى، پارتىيە ۋە خەلق سىلەردىن مىننەتدار!
ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى ئېلىمىزنىڭ پەن – تېخنىكا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى جانلىق ئەمەلىيەت بىزنىڭ پەن – تېخنىكىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتى ۋە پەن – تېخنىكا خىزمىتىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئورنىغا بولغان تونۇشىمىزنى بېيىتتى، بىزنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇردى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش مۇساپىسىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشىمىز، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىزنى مۇھىم ھەم چوڭقۇر ئىلھامغا ئىگە قىلدى.
بىرىنچى، پەن – تېخنىكىنى 1 – ئىشلەپچىقىرىش كۈچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. پەن – تېخنىكا 1 – ئىشلەپچىقىرىش كۈچى، ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىلىنىشى ۋە ئاساسلىق بەلگىسى. بۇ، پارتىيىمىزنىڭ ماركسىزمنىڭ پەن – تېخنىكا ۋە ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچى نەزەرىيىسى توغرىسىدىكى زور راۋاجى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيىسى سىستېمىسىنىڭ پەن – تېخنىكا ئىدىيىسى توغرىسىدىكى ئاساسىي نۇقتىئىنەزەرى. دۆلەتنى پەن – تېخنىكا ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيىسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي يولغا قويۇپ، پەن – تېخنىكىنىڭ 1 – ئىشلەپچىقىرىش كۈچى بولۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ دۇنيادىكى ئىلغار سەۋىيە بىلەن بولغان تەرەققىيات پەرقىنى تېزدىن كىچىكلىتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ھەم ياخشى ھەم تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيىلىك نىشانىغا ئاساسىي جەھەتتىن يېتىشنى كۈچلۈك پەن – تېخنىكا تىرىكىگە ئىگە قىلىش كېرەك.
ئىككىنچى، ئىختىساسلىقلار بايلىقىنى 1 – بايلىق قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئىختىساسلىقلار دۆلەت تەرەققىياتىدىكى ئىستراتېگىيىلىك بايلىق، پەن – تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئاچقۇچى ئىختىساسلىقلاردا. دۆلەتنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيىسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي يولغا قويۇپ، ئەمگەككە، بىلىمگە، ئىختىساسلىقلارغا، ئىجادىيەتكە ھۆرمەت قىلىش چوڭ فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى قوبۇل قىلىدىغان، ھەركىم ئۆز قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرىدىغان، ھەم چىقالايدىغان ھەم چۈشەلەيدىغان، ھاياتىي كۈچكە تولغان ئادەم ئىشلىتىش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈپ، نەچچە يۈز مىليونلىغان يۇقىرى ساپالىق ئەمگەكچىلەر، نەچچە ئون مىليونلىغان كەسپىي ئىختىساسلىقلار ۋە زور بىرتۈركۈم سەرخىل يېڭىلىق ياراتقۇچىلارنى تىرىشىپ يېتىلدۈرۈپ، مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى دۆلەتنىڭ پەن – تېخنىكا ئىشلىرىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلار كۆپ چىقىدىغان جانلىق ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.
ئۈچىنچى، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى دۆلەتنىڭ رىقابەت كۈچىنىڭ يادروسى. مۇستەقىل، ئۆز ئۆزىگە خوجا بولۇش، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش مەيلى بۇرۇن، ھازىر ۋە كەلگۈسىدە بولسۇن ئېلىمىزنىڭ پەن – تېخنىكا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تۈپ مەۋقە. خەلق ئىگىلىكىنىڭ جان تومۇرى ۋە دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئاچقۇچلۇق ساھەلەردە ھەقىقىي يادرولۇق تېخنىكا ۋە ئاچقۇچلۇق تېخنىكىدا پەقەت ئۆزىمىزگە، ئۆز ئالدىمىزغا يېڭىلىق يارىتىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى بارلىق پەن – تېخنىكا خىزمىتىدە 1 – ئورۇنغا قويۇپ، يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت قۇرۇپ، يادرولۇق تېخنىكىلارنى ھەقىقىي ئىگىلەپ، پەن – تېخنىكا ئېگىزلىكىنى ئىگىلەپ، دۇنيا يۇقىرى تېخنىكا ساھەسىدە تىرىشىپ ئورۇن ئىگىلەپ، دۆلەتنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئىستراتېگىيىلىك تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلەش كېرەك.
تۆتىنچى، سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ كۈچلەرنى يىغىپ چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرىدىغان سىياسىي ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. پۈتۈن مەملىكەتنى كۆزدە تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش، بىر تۇتاش پىلانلاش، تەڭشەش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش دۆلىتىمىزنىڭ پەن – تېخنىكا تەرەققىياتىدا چىڭ تۇرۇش تەلەپ قىلىنغان مۇھىم تەشكىللەش ئۇسۇلى. پەن – تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى، يېڭىلىق يارىتىش سۇبيېكتى ۋە ھەرخىل يېڭىلىق يارىتىش ئامىللىرىنى، ئاساسىي تەتقىقات، ئېچىش تەتقىقاتى ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق تەتقىقاتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسىي يېتەكچى رولىنى، بازارنىڭ پەن – تېخنىكا بايلىقىنى تەقسىملەشتىكى ئاساسىي رولىنى، كارخانىنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاساسىي يېتەكچى رولىنى، دۆلەتنىڭ پەن – تەتقىقات ئاپپاراتلىرىنىڭ غوللۇق ۋە يېتەكچىلىك رولىنى، ئونىۋېرسىتېتلارنىڭ ئاساسىي ۋە ئاۋانگارت قوشۇنلۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتۇپ، پەن – تېخنىكا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ۋە يېڭىلىق يارىتىدىغان كۈچلۈك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
بەشىنچى، پەن – تېخنىكىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئېلىمىز پەن – تېخنىكا ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىدۇر. زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى بىلەن خەلقنىڭ ئېھتىياجىغا يۈزلىنىپ، ئىقتىسادنىڭ راۋاجلىنىشى، جەمئىيەتنىڭ ئىلگىرىلىشى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىدە پەن – تېخنىكىغا تايىنىشتا جىددىي ئېھتىياج بولۇۋاتقان ساھەلەرنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، پەن – تېخنىكىدا ئىلگىرىلەش ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى ۋە سۈپىتىنى ئۈستۈرۈش، خەلقنىڭ پەن – تېخنىكا، مەدەنىيەت ساپاسى ۋە ساغلاملىق ساپاسىنى ئۆستۈرۈش بىلەن زىچ باغلاپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى چەكلەۋاتقان مۇھىم پەن – تېخنىكا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ھەم دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي جان تومۇرى ۋە دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئاچقۇچلۇق ساھەلەردە بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ھالقىلىق تېخنىكا ۋە ئورتاقلىققا ئىگە تېخنىكىلارنى تىرىشىپ ئىگىلەپ، مۇھىم جامائەت پاراۋانلىقى پەن – تېخنىكا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش كېرەك.
ئالتىنچى، پەن – تېخنىكىنىڭ روھىنى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش روھىنى يېتىلدۈرۈش پەن – تېخنىكىدا ئىلگىرىلەش ۋە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئەڭ چوڭقۇر، ئۇزاق مۇددەتلىك ئىجتىمائىي ئاساسى. ئىدىيىدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، نەزەرىيە، تۈزۈم ۋە مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئىلىم – پەن بىلىملىرى، ئىلمىي ئۇسۇل، ئىلمىي ئىدىيە ۋە ئىلمىي روھنى زور كۈچ بىلەن تارقىتىپ، خېيىمخەتەرگە قارىماي ھەممىنىڭ ئالدىدا مېڭىشقا جۈرئەت قىلىش، دادىل ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، تىز پۈكمەسلىك روھى بىلەن يېڭىلىق يارىتىش ۋە رىقابەتكە چۈشۈشكە جۈرئەت قىلىش، سەمىمىي ھەمكارلىشىش، مەغلۇبىيەتكە دادىل يۈزلىنىش روھىنى تەشەببۇس قىلىپ، پەن – تېخنىكىغا ئەھمىيەت بېرىدىغان، پەن – تېخنىكىنى سۆيىدىغان، پەن – تېخنىكا ئۆگىنىدىغان، ئىلمىي بولغان ئىجتىمائىي ئىستىلدىن پايدىلىنىپ، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلمىي نەزەرىيە يېتەكچىلىكى، كۈچلۈك تۈزۈم كاپالىتى ۋە ياخشى مەدەنىيەت كەيپىياتىغا ئىگە قىلىش كېرەك.
2. جۇڭگوچە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىش كېرەك
دۆلىتىمىز ھازىر ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ ھالقىلىق پەيتىدە تۇرۇۋاتىدۇ ھەم مىسلىسىز پۇرسەت ۋە خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، پۇرسەت خىرىستىن غەنىيمەتتۇر. دۇنيانىڭ پەن – تېخنىكا تەرەققىياتى ئۇچقاندەك تېز بولۇۋاتىدۇ، يېڭىلىق يارىتىش ئىجادىيىتى كۈنسېرى يېڭىلىنىۋاتىدۇ. دۇنيا پەن – تېخنىكىسىدا زور بۆسۈش بولۇۋاتىدۇ. بىلىمنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى رولى كۈنسېرى گەۋدىلىنىۋاتىدۇ ھەم پەن – تېخنىكا رىقابىتىنىڭ ئونىۋېرسال دۆلەت كۈچى رىقابىتىدىكى ئورنىمۇ كۈنسېرى گەۋدىلىنىۋاتىدۇ، پەن – تېخنىكا ئىقتىسادىي تەرەققىيات ھەم ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىدىغان ۋە يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئاساسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندى. بۈگۈنكى دۇنيادا كىم ئىلغار پەن – تېخنىكىنى ئىگىلىسە، شۇ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىغا ئېرىشكەن بولىدۇ.
30 يىللىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن كېيىن، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئېلىمىزنىڭ ھېلىھەم سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالى ئۆزگەرمىدى، بۇ ئەھۋال ئۇزاققىچە ئۆزگەرمەيدۇ. خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان ماددىي، مەدەنىيەت ئېھتىياجى بىلەن قالاق ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتتىن ئىبارەت بۇ ئاساسلىق ئىجتىمائىي زىددىيەت ئۆزگەرمىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىدىمۇ بىر قاتار يېڭى باسقۇچ خاراكتېرلىك ئالاھىدىلىكلەر گەۋدىلەندى. ھازىر دۆلىتىمىز تەرەققىياتتا ئاساسلىقى تۆۋەندىكى گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدى: ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات سەۋىيىسى تۆۋەن بولۇش، شەھەر، يېزا تەرەققىياتى، رايونلار تەرەققىياتى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات يەنىلا تەڭپۇڭ بولماسلىق، ئۇزاقتىن بۇيان شەكىللەنگەن قۇرۇلما خاراكتېرلىك زىددىيەت بىلەن يىرىك ئېشىش شەكلىدە تۈپتىن ئۆزگىرىش بولماسلىق، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدا تۆلەنگەن بايلىق ھەم مۇھىت بەدىلى زور بولۇش؛ دۆلىتىمىزنىڭ پەن – تېخنىكا ئومۇمىي سەۋىيىسىنى دۇنيانىڭ ئىلغار سەۋىيىسىگە سېلىشتۇرغاندا پەرق يەنىلا بىر قەدەر چوڭ، ھالقىلىق تېخنىكىغا ئىگە بولۇش نىسبىتىمىز تۆۋەن، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىمىز ئاجىز، بولۇپمۇ كارخانىلارنىڭ يادرولۇق رىقابەت ئىقتىدارى ئاجىز بولۇپ، مۇنەۋۋەر، ئالدىنقى قاتاردىكى ئىختىساسلىقلار بىر قەدەر كەمچىل. پارتىيىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتەك 1 – مۇھىم ۋەزىپىسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىش، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەم ياخشى ھەم تېز راۋاجلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، نوپۇسنىڭ ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جامائەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئىتىنى قوغداشتا مۇستەھكەم پەن – تېخنىكا ئاساسى ۋە كۈچلۈك تېخنىكىلىق تايانچقا، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت قۇرۇشقا، دۆلىتىمىزنىڭ پەن – تېخنىكىسىدا ھالقىش خاراكتېرلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا جىددىي موھتاج بولۇۋاتىمىز.
پارتىيىنىڭ 17 – قۇرۇلتىيىدا دەل مۇشۇنداق ئومۇمىيەت كۆزدە تۇتۇلۇپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت قۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ دۆلەت تەرەققىيات ئىستراتېگىيىسىنىڭ يادروسى، دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى؛ جۇڭگوچە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. بىز پارتىيىنىڭ 17 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيىسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەتنى پەن – تېخنىكىغا تايىنىپ گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيىسى، دۆلەتنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيىسى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىستراتېگىيىسىنى تېخىمۇ ياخشى يولغا قويۇپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش، نۇقتىلىق يۈكسىلىش، تەرەققىياتنى قوللاش، كەلگۈسىگە يېتەكلەشتىن ئىبارەت يېتەكچى فاڭجېندا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى پەن – تېخنىكىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئاساسىي نۇقتىسى، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ۋە تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىشنىڭ مۇھىم ھالقىسى، يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت قۇرۇشنى كەلگۈسىگە يۈزلىنىشتە مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك تاللاش قىلىپ، جۇڭگوچە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش يولىدا تېخىمۇ ئاڭلىق، تېخىمۇ قەتئىيلىك بىلەن مېڭىشىمىز كېرەك.
بىرىنچى، جۇڭگوچە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش يولىدا مېڭىشتا، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى پەن – تېخنىكا تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ۋەزىپە قىلىش كېرەك. بۇ يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت قۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىشنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئاساسىي لىنىيىسى. ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى بارلىق پەن – تېخنىكا خىزمەتلىرىدە ئالدىنقى ئورۇنغا قۇيۇپ، دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك پەن – تېخنىكا تەرەققىيات پىلانى پروگراممىسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم پەن – تېخنىكا مەخسۇس تۈرىنى يولغا قۇيۇشنى تەشكىللەشنى تېزلىتىپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىلگىرىكى ئاساستا يېڭىلىق يارىتىش، يىغىنچاقلاپ يېڭىلىق يارىتىش ۋە كىرگۈزۈپ قوبۇل قىلغاندىن كېيىن يېڭىلاشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى چەكلەيدىغان ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تىرىشىپ، ئۇل تەتقىقاتى، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تېخنىكا تەتقىقاتى، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق تېخنىكا تەتقىقاتىنى قوللاپ، بىر قانچە مۇھىم ساھەدە بىر تۈركۈم يادرولۇق تېخنىكىنى ئىگىلىشىمىز، بىر تۈركۈم خاس بىلىم – مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشىمىز، خەلقئارالىق رىقابەت كۈچىگە ئىگە بىر تۈركۈم كارخانىلارنى يېتىلدۈرۈشىمىز، يادرولۇق بىلىم – مۈلۈك ھوقۇقى ۋە يۇقىرى قوشۇمچە قىممەتكە ئىگە، خەلقئاراغا داڭلىق بىر تۈركۈم ماركىلارنى يارىتىشىمىز كېرەك. ئاساسىي پەنلەر ئارىسىدىكى ئاساسىي پەن ۋە ئەمەلىي پەن، پەن – تېخنىكا، تەبىئىي پەن ۋە ئىجتىمائىي پەننىڭ گىرەلەشمە بىرلىشىشىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مىكرو ۋە ماكرو جەھەتتىكى بىردەكلىك قاتارلىق ھازىرقى ئىلىم – پەن تەرەققىياتىدىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان پەنلەرنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى توغرا ئىگىلەپ، ئاساسىي پەن ۋە ئەمەلىي پەن قاتارلىقلارنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنىڭ روشەن ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كۆپ پەن، كۆپ ساھەلەرنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. ئادەمنى ئاساس قىلىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى پەن – تېخنىكا ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ تۈپ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، خەلقنى پەن – تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىدىن بەھرىمەن قىلىشىمىز كېرەك. دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان بىر قانچە پەن تەتقىقات يۇرتى، ئورنى ۋە ئالىي مەكتەپ شۇنداقلا خەلقئارالىق رىقابەت كۈچىگە ئىگە كارخانا تەتقىقات – ئېچىش ئاپپاراتلىرىنى قۇرۇپ، دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى ئورنىتىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى، بىلىمدە يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى، دۆلەت مۇداپىئە پەن – تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى، رايوندا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى، پەن – تېخنىكا ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمەت سىستېمىسىنى ماسلاشتۇرۇپ بىرلىككە كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. سىرتقا ئىشىكنى ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت ئاساسىي دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى خەلقئارالىق ۋە رايونلۇق پەن – تېخنىكا ئالاقىسى ھەم ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، خەلقئارادىكى ئىلغار پەن – تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە تولۇق قوبۇل قىلىپ، دۇنيا پەن – تېخنىكا بايلىقىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىمىز كېرەك.
ئىككىنچى، جۇڭگوچە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش يولىدا مېڭىشتا چوقۇم تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق پەن – تېخنىكىدا ئىلگىرىلەش ۋە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. پەن – تېخنىكىدا ئىلگىرىلەش ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتە تۈزۈلمە ۋە مېخانىزمدا چوقۇم يېڭىلىق يارىتىش كېرەك. دۆلەتكە مۇلازىمەت قىلىشنى نىشان، پەن – تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئاكتىپلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى قوزغاشنى مەۋقە، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ پەن – تېخنىكا بايلىقىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەقسىملەش ۋە ئۇنىۋېرسال توپلاشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا، كارخانىنى ئاساسىي گەۋدە، بازارنى يېتەكچى قىلغان، كەسىپ، ئۆگىنىش، تەتقىقات ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈلگەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشنى بۆسۈش نۇقتىسى، دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھىم نىشان قىلىپ، پەن – تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ۋە تۈرلۈك يانداش ئىسلاھاتلارنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەن – تېخنىكىدا ئىلگىرىلەشكە ۋە يېڭىلىق يارىتىشقا، پەن – تېخنىكا مېۋىلىرىنى رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇشقا پايدىلىق بولغان ھەم جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان، ھەم پەن – تېخنىكا تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، ھاياتىي كۈچكە تولغان تۈزۈلمە، مېخانىزمنى شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك. دۆلەتنىڭ پەن – تېخنىكا توغرىسىدا تەدبىر بەلگىلەش مېخانىزمى ۋە ماكرولۇق تەڭشەش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇھىم پەن – تېخنىكا سىياسەتلىرىنى بېكىتىش، مۇھىم پەن – تېخنىكا پىلانلىرىنى يولغا قۇيۇش، پەن – تېخنىكا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، پەن تەتقىقات ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى تېزلىتىپ، پەن – تېخنىكا نەتىجىلىرىنى باھالاش – مۇكاپاتلاش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، پەن – تېخنىكا بايلىقىنى ئۈنۈملۈك تەقسىملەشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.
ئۈچىنچى، جۇڭگوچە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش يولىدا مېڭىش ئۈچۈن، زور يېڭىلىق يارىتىشچان ئىختىساسلىقلار قوشۇنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئىختىساسلىقلار ئېلىمىز پەن – تېخنىكا ئىشلىرىنىڭ كەلگۈسىگە، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. مەشھۇر ئالىملار ۋە مۇنەۋۋەر پەن – تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى دۆلەت پەن – تېخنىكا ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئامىلى. ئىختىساسلىقلار بايلىقىنىڭ بىرىنچى بايلىق ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيىسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەلىپىگە ئاساسەن ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق سىياسەت – تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا پايدىلىق تۈزۈلمە، مېخانىزم ۋە مۇھىت يارىتىپ بېرىش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش روھىغا ئىگە ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، بىر خىل قېلىپ بىلەن چەكلىنىپ قالماي، ئومۇمنىڭ ئاقىلانە تەكلىپلىرىنى قوبۇل قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا ئىختىساسلىقلارنى بايقاش، ئىشلىتىش، يېڭىلىق يارىتىش پائالىيىتى داۋامىدا ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، چېنىقتۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش ئىشلىرىدا ئىختىساسلىقلارنى ئۇيۇشتۇرۇش، يېتىلدۈرۈش كېرەك. ئۇنۋان تۈزۈمى، ئاكادېمىكلار تۈزۈمى، ھۆكۈمەتنىڭ ئالاھىدە تەمىناتى تۈزۈمى، پوستدوكتور تۈزۈمى قاتارلىق يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلار تۈزۈمىنى ياخشىلاپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىش سىستېمىسى ۋە قۇرۇلمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۈزۈپ چىقىشىغا پايدىلىق تۈزۈلمە، مېخانىزم ئورنىتىش كېرەك. مائارىپنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇلىدىغان ئورۇنغا قويۇپ، مائارىپ ئېڭىنى يېڭىلاپ، مائارىپنى ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ساپا مائارىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، پەن ۋە كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش كېرەك. ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش، ئەقلىي كۈچ كىرگۈزۈش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇش، بولۇپمۇ چەت ئەللەردىن يۇقىرى قاتلام ئىختىساسلىقلىرى ۋە ئەقلىي كۈچ كىرگۈزۈش، چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقانلارنى دۆلەتكە قايتىپ ئىگىلىك تىكلەشكە جەلپ قىلىش كېرەك. تۆتىنچى، جۇڭگوچە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش يولىدا مېڭىش ئۈچۈن، مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق پەن – تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش پەن – تېخنىكىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشقا بىۋاسىتە، زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. ۋەتەنپەرۋەرلىكنى يادرو قىلغان مىللىي روھ ۋە ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى يادرو قىلغان دەۋر روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش، ۋەتەننى سۆيۈش، خالىس تۆھپە قوشۇش، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، زور كۈچ بىلەن ماسلاشتۇرۇش، جاسارەت بىلەن ئۆرلەشتەك ‹‹ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ›› روھىنى، ئالاھىدە چىداملىق، جەڭگىۋار، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلالايدىغان، تۆھپە قوشالايدىغان ئادەملىك ئالەم كېمىسى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش، باشلامچى بولۇشقا جۈرئەت قىلىشتەك ئىگىلىك تىكلەش روھىنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك. پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا ئەڭ زور دەرىجىدە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، پەن – تېخنىكا خادىملىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش قىزغىنلىقى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوزغاش، ئىختىساسلىقلارنى كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، ئۇلارنىڭ كەسىپتە ئۇتۇق قازىنىشىنى قوللاش، كەسىپ بىلەن پائال شۇغۇللىنىشىغا ياردەم بېرىش، بولۇپمۇ ياش ئىختىساسلىقلارنىڭ تالانتىنى جارى قىلدۇرۇشىغا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت ۋە سەھنە ھازىرلاپ بېرىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىگىلىك تىكلەشكە ھۆرمەت قىلىدىغان، ئىلھام بېرىدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك.
3. پەن – تېخنىكا ساھەسىدىكىلەرنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىدىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك
ھازىر پۈتكۈل پارتىيە ۋە پۈتكۈل مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتەك كۈرەش نىشانىغا يېتىشنىڭ يېڭى تەلىپىگە ئاساسەن ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى، سىياسىي قۇرۇلۇشى، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ۋە جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ. پارتىيە ۋە دۆلەت پەن – تېخنىكا ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا دۇچ كەلگەن زور مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە ۋە تەھلىل قىلىپ، دۆلەتنىڭ ماكرولۇق تەدبىر بەلگىلىشىگە ئىلمىي مەسلىھەت ۋە پىكىر بېرىشىگە تولىمۇ موھتاج.
جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئىلمىي بۆلۈمى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيىسى دۆلەتنىڭ پەن – تېخنىكا ۋە قۇرۇلۇش جەھەتتىكى ئالىي مەسلىھەت بېرىش ئاپپاراتى، دۆلەتنىڭ پەن – تېخنىكا ئەقىل ئامبىرى. ئىككى ئاكادېمىيىنىڭ ئاكادېمىكلىرى ئۇزاقتىن بۇيان ئېلىمىزنىڭ پەن – تېخنىكا ساھەسىدىكىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى ئىستراتېگىيىلىك مەسىلىلەرنى، دۇنيا ۋە ئېلىمىزنىڭ پەن – تېخنىكا تەرەققىياتىدىكى زور مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ ئاكتىپ چارە – تەدبىر كۆرسىتىپ، نۇرغۇن مۇھىم مەسلىھەت ۋە پىكىرلەرنى بېرىپ، مەركەزنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىنى ئىلمىي ئاساس بىلەن تەمىنلىدى. 12 يىللىق پەن – تېخنىكا تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈش، تەبىئىي پەن فوندى جەمئىيىتى قۇرۇش، ‹‹863 پىلانى›› نى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن تارتىپ دۆلەتنىڭ چوڭ ئىلىم – پەن قۇرۇلۇش تۈرلىرى ۋە ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك پەن – تېخنىكا تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى مۇزاكىرە قىلىپ بېكىتىشكىچە، ئاساسىي فۇنكسىيىلىك رايونلار يىرىك پىلانىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىدىن تارتىپ ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىش ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش تەكلىپىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىغىچە بولغان جەريانغا ئىككى ئاكادېمىيە ئاكادېمىكلىرىنىڭ ئەجرى ۋە ئەقىل – پاراسىتى مۇجەسسەملەنگەن.
ئىككى ئاكادېمىيىنىڭ ئاكادېمىكلىرى ئېلىمىزنىڭ پەن – تېخنىكا ۋە قۇرۇلۇش تېخنىكىسى ساھەسىنىڭ باشلامچىلىرى، ئېلىمىز پەن – تېخنىكا ساھەسىدىكىلەرنى داۋاملىق ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، تەدبىر بەلگىلەشكە مەسلىھەت بېرىشكە تېخىمۇ ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى ئىستراتېگىيىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا مەسلىھەت ۋە تەكلىپ بېرىپ، دۆلەتنىڭ ماكرولۇق تەدبىر بەلگىلىشىنى ئىلمىي ئاساس بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. ھازىرقى بولۇپمۇ ئېلىمىز ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىغا ئومۇميۈزلۈك قاتنىشىشىدىكى يېڭى پۇرسەت ۋە خىرىسلارنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ، سانائەتلىشىش، ئۇچۇرلىشىش، شەھەرلىشىش، بازارلىشىش، خەلقئارالىشىشنى چوڭقۇر راۋاجلاندۇرۇشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى، يېڭى ۋەزىپىلىرىنى ئېنىق تونۇپ، ئېلىمىز تەرەققىياتتا دۇچ كەلگەن يېڭى تېما، يېڭى زىددىيەتلەرنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش شەكلىنى ئۆزگەرتىشنى، ئىقتىساد قۇرۇلمىسىنى ئىستراتېگىيىلىك تەڭشەشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئەمگەك ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇش، مەھسۇلات قوشۇمچە قىممىتى تۆۋەن بولۇش ۋە ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش سەرپىياتى، ئېنېرگىيە سەرپىياتى يۇقىرى بولۇش، ئېكولوگىيىلىك مۇھىت بەدىلى چوڭ بولۇشتەك ھالىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىش كېرەك. ئېنېرگىيە، سۇ بايلىقى، مۇھىت ئاسراش، يەر شارى كىلىماتى ئۆزگىرىش مەسىلىسىگە، ئۇچۇر تېخنىكىسى، يېڭى ماتېرىيال تېخنىكىسى، بىئو تېخنىكا، ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىسى، دېڭىز – ئوكيان تېخنىكىسى قاتارلىق ساھەلەرنىڭ تەرەققىياتىغا، ئاساس پەنلەر، ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكا تەتقىقاتىغا، بولۇپمۇ گىرەلەشكەن پەنلەر تەتقىقاتىغا، سانائەت، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك چوڭ پەن – تېخنىكا مەسىلىلىرىگە، خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك يېمەكلىك، سەھىيە، جامائەت ساغلاملىقى جەھەتتىكى زور مەسىلىلەرگە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. دۆلەتنىڭ ماكرولۇق تەدبىر بەلگىلىشىگە مەسلىھەت بېرىش تۈزۈمى، ئىلمىي، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەشنى باھالاش تۈزۈمى، نازارەتچىلىك تۈزۈمى، مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ماكرولۇق تەدبىر بەلگىلىشىگە مەسلىھەت بېرىش تۈزۈمىنى قانۇنلاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىككى ئاكادېمىيە ئاكادېمىكلىرىنىڭ مەسلىھەتچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا سەھنە ھازىرلاپ بېرىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار، خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىككى ئاكادېمىيە ئاكادېمىكلىرى ۋە ھەرقايسى ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تەدبىر بەلگىلەشنىڭ ئىلمىيلىشىشى، دېموكراتىيىلىشىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
2006 – يىلى ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى ئاكادېمىيىنىڭ ئاكادېمىكلار يىغىنىدا زور يېڭىلىق يارىتىشچان پەن – تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنى بەرپا قىلىش مەسىلىسى ئۈستىدە مەخسۇس توختالغانىدىم، بۈگۈن يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ ئۆتەي، مۇنەۋۋەر پەن – تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى، بولۇپمۇ پەن – تېخنىكا باشلامچى ئىختىساسلىقلىرىنى تېز يېتىشتۈرۈشنى ئىنتايىن تەخىرسىز ئىستراتېگىيىلىك ۋەزىپە قاتارىدا چىڭ، ياخشى تۇتۇش كېرەك. ئىككى ئاكادېمىيە ئاكادېمىكلىرىنىڭ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئىختىساسلىقلارنى بايقاش، يېتىشتۈرۈش، كۆرسىتىشنى خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، ئېلىمىز پەن – تېخنىكا ساھەسىنىڭ ئادەم شوتىسى بولۇشقا رازى بولۇش، شاگىرتلارغا مەدەت بېرىشتەك شەرەپلىك ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشچان ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ يەردە مەن يەنە ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش مەسىلىسى ئۈستىدە مەخسۇس توختالماقچىمەن. تەبىئىي ئاپەت ئىنسانىيەت جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان ئورتاق خىرىس. ئېلىمىز دۇنيادىكى تەبىئىي ئاپەت ئەڭ ئېغىر بولىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى، ئاپەتنىڭ تۈرى كۆپ، تارقىلىشى كەڭ، يۈز بېرىش نىسبىتى يۇقىرى، زىيىنى ئېغىر. يەر تەۋرەش، كەلكۈن، تەيفېڭ بورىنى، قۇرغاقچىلىق، مۆلدۈر، چاقماق، تومۇز ئىسسىق، قۇم – بوران، گېئولوگىيىلىك ئاپەت، شىتورم تاشقىنى، قىزىل دولقۇن، ئورمان – ئوتلاق ئوت ئاپىتى، زىرائەت، ئورمانلاردىكى كېسەللىك ۋە ھاشارات ئاپىتى قاتارلىق ئاپەتلەرنىڭ ھەممىسى ئېلىمىزدە كۆرۈلۈۋاتىدۇ. ئېلىمىزدىكى%70 تىن ئارتۇق شەھەر، %50 تىن ئارتۇق نوپۇس ھاۋا رايى ئاپىتى، يەر تەۋرەش ئاپىتى، گېئولوگىيىلىك ئاپەت، دېڭىز – ئوكيان ئاپىتى قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەر ئېغىر رايونلارغا تارقالغان. 1998 – يىلىدىكى چاڭجياڭ دەرياسى ھەۋزىسىدىكى زور كەلكۈن، 2006 – يىلىدىكى چۇڭچىڭ ۋە سىچۇەندىكى ئېغىر قۇرغاقچلىق، 2007 – يىلىدىكى خۇەيخې دەرياسى ھەۋزىسىدىكى زور كەلكۈن، 2008 – يىلىدىكى جەنۇبتىكى تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق قار – يامغۇر – مۇز ئاپىتى ۋە بۇ قېتىمقى سىچۇەن ۋېنچۇەندىكى كۈچلۈك يەر تەۋرەش قاتارلىق ئېغىر تەبىئىي ئاپەتلەر ئېلىمىز خەلقىنىڭ ھاياتى، مال – مۈلكى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا زور زىيان سالدى. شۇڭا تەبىئىي ئاپەتنى مۆلچەرلەش، ئالدىن مەلۇمات بېرىش، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، زىياننى ئازايتىش خىزمىتىنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە چېتىلىدىغان چوڭ خىزمەت قاتارىدا يەنىمۇ چىڭ ھەم ياخشى تۇتۇشىمىز كېرەك. يىراقنى كۆزلەپ، تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك: بىرىنچى، تەبىئىي ئاپەتنىڭ شەكىللىنىش، يۈز بېرىش، كۈچىيىش، ئۆزگىرىش، تارقىلىش جەھەتتىكى قانۇنىيەتلىرىنى ۋە ئاپەت پەيدا بولۇش مېخانىزمىنى تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، تەبىئىي ئاپەتنى ئىلمىي مۆلچەرلەش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى نەزەرىيە ئاساسى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ئىككىنچى، تەبىئىي ئاپەتنى كۆزىتىش ۋە سىگنال بېرىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھازىرقى مېتېئورولوگىيە، ھىدرولوگىيە، يەر تەۋرەش، گېئولوگىيە، دېڭىز – ئوكيان، مۇھىت قاتارلىق كۆزىتىش پونكىتلىرى، تورلىرى ئاساسىدا كۆزىتىش زىچلىقىنى، كۆزىتىش سەۋىيىسىنى ئاشۇرۇپ، تەبىئىي ئاپەتنى ستېرېئولۇق كۆزىتىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئاپەتنى كۆزىتىش – تەتقىق قىلىش – سىگنال بېرىش – ئالدىن مەلۇمات بېرىش تور سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچى، ھەر خىل تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ، ئاپەت بىلەن ئېكولوگىيىلىك مۇھىت، ئاپەت بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىش، مەملىكەت بويىچە تەبىئىي ئاپەت خەتىرىنى ئۇنىۋېرسال باھالاشنى قانات يايدۇرۇش، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىشتىكى ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلارنى راۋاجلاندۇرۇشنى ۋە تۈرلۈك تەبىئىي ئاپەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش لايىھىسىنى تۈزۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. تۆتىنچى، يىراقتىن سېزىش، جۇغراپىيىلىك ئۇچۇر سىستېمىسى، يەر شارى ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى، تور ئالاقە تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىش شۇنداقلا ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىشتىكى يۇقىرى پەن – تېخنىكا نەتىجىلىرىنى قىممەتكە ئايلاندۇرۇش ۋە ئۇنىۋېرسال جۇغلاشنى كۈچەيتىش، دۆلەتنىڭ ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش ۋە خېيىمخەتەرنى باشقۇرۇش ئۇنىۋېرسال ئۇچۇرلىرىدىن ئورتاق پايدىلىنىش سۇپىسىنى قۇرۇش، دۆلەت ۋە يەرلىكنىڭ ئاپەت ئەھۋالىنى كۆزىتىش، سىگنال بېرىش، مۆلچەرلەش، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. بەشىنچى، تۈرلۈك پەن – تېخنىكا بايلىقلىرىنى خىللاپ بىرلەشتۈرۈپ، پەن – تېخنىكىغا تايىنىپ تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى دۆلەت ۋە جايلار، تارماقلارنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈش ھەم ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرىنى مىللىي مائارىپ، مەدەنىيەت، پەن – تېخنىكا ۋە سەھىيىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈش پائالىيىتى، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتى مەزمۇنىغا كىرگۈزۈپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ئېڭى، بىلىم سەۋىيىسى ۋە خەتەردىن ساقلىنىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئالتىنچى، ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن ئورتاق خىرىس ۋە ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىدە تېخى ھەل قىلىنمىغان قىيىن مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، خەلقئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ چەت ئەللەرنىڭ پايدىلىق تەجرىبىلىرىنى ۋە ئىلغار تېخنىكىلىرىنى ئۆگىنىش ھەم ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئاپەتتىن ئورتاق مۇداپىئەلىنىشى، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىشىغا تۆھپە قوشۇش كېرەك.
ئاكادېمىكلار، يولداشلار!
يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت قۇرۇش دەۋر بىزگە يۈكلىگەن شەرەپلىك بۇرچ. تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پۇرسەتنى تۇتۇپ، رىقابەتنى كۈتۈۋېلىپ، جۇڭگوچە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش يولىدا قەتئىي مېڭىپ، دۇنيا پەن – تېخنىكىسىنىڭ چوققىسىغا تىرىشپ ئۆرلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشۇشىمىز كېرەك.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 23 – ئىيۇن تېلېگراممىسى)
|