باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
2008–يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى25–ئىيۇن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت22دە ئېلان قىلىنىدۇ
2008- 06- 26 10:00 شىنجاڭ گېزىتى

 ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2008 – يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان قەغىزىنى توردا تەكشۈرۈش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق ئاخىرلىشىپ، 25-ئىيۇن  بېيجىڭ ۋاقتى سائەت دەل 22 دە بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىنىدىكەن. ئىمتىھانغا قاتناشقۇچىلار بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىنى تۆۋەندىكى ئۇسۇللار بويىچە سۈرۈشتۈرسە بولىدىكەن:

   1.شىنجاڭ مائارىپ ئۇچۇر تورى:.  www.xjedu.gov.cn//:http ياكى شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى: www.xjzs.edu.cn//:http نى چەكسە بولىدۇ.

   2. يانفون (كۆچمە تېلېفون ۋە بىرلەشمە تېلېفون، تۆمۈريول ۋە مەخسۇس تور تېلېفونى) ئابونتلىرى 1183228 نومۇر ئارقىلىق ئىمتىھان نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.

   3. 16885666 تېلېفون نومۇرى ئارقىلىق ئىمتىھان نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.

   4. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئۆزى تۇرۇشلۇق جايغا يېقىن ۋىلايەت ( ناھىيە، شەھەر) لىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى ۋە ئۆزى ئوقۇغان مەكتىپى ئارقىلىق ئىمتىھان نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.

   ئىگىلىنىشىچە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ‹‹ ساپا مائارىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، مائارىپ ئىسلاھاتى بەلگىلىمىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش›› روھىغا ئاساسەن، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىنى رەتكە تۇرغۇزۇشقا، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ‹‹ئەلىيۇلئەلا›› لىرىنى زىيادە تەشۋىق قىلىشقا بولمايدىكەن، ئىمتىھان نەتىجىسى ئەلا بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلىشقا بولمايدىكەن.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ