باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
چوڭ كارخانا ئىستراتېگىيىسى شىنجاڭدا كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردى
2008- 06- 26 09:57 شىنجاڭ گېزىتى

 ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى توغرىسىدا(15)

   باۋشەن پولات – تۆمۈر گۇرۇھى ‹‹1 –  ئاۋغۇست›› پولات – تۆمۈر شىركىتى تۆمۈر تاۋلاش شۆبە شىركىتىنىڭ دومنا پېچ شۆبە زاۋۇتىنىڭ بۇ يىل فېۋرال ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن 1 –  نومۇرلۇق 2500 كۇب مېتىرلىق دومنا پېچىدىن 13 –  ماي چۈشتىن ئىلگىرى سائەت 11 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە چويۇن ئېرىپ چىقتى. مەشغۇلاتچىلار باشلىقى شۈ شياۋبىن ئېقىپ چىقىۋاتقان چويۇنغا قاراپ ئىپتىخارلانغان ھالدا ماڭا: 1 –  نومۇرلۇق دومنا پېچ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، مەھسۇلات مىقدارى ئىلگىرىكى ئالتە كىچىك دومنا پېچنىڭكى بىلەن تەڭلەشتى، شۇنداقلا ‹‹1 – ئاۋغۇست›› پولات – تۆمۈر شىركىتىدە چوڭ دومنا پېچ يوق بولۇشتەك تارىخقا خاتىمە بېرىلدى، دېدى.

   ‹‹1 – ئاۋغۇست›› پولات – تۆمۈر شىركىتىدىكىلەرنى پەخىرلەندۈرۈۋاتقان 2500 كۇب مېتىرلىق بۇ دومنا پېچ ‹‹1 –  ئاۋغۇست›› پولات – تۆمۈر شىركىتىدىكى نەچچە ئەۋلاد كىشىنىڭ ئۈمىدى بولۇپ، ئۇنىڭغا ‹‹1 –  ئاۋغۇست›› پولات – تۆمۈر شىركىتىنى غەربىي رايون، ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ رىقابەت كۈچىگە ئىگە پولات – تۆمۈر كارخانىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش مۇجەسسەملەنگەن. 2007 –  يىلى 28 –  ئاپرېل مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ پولات – تۆمۈر كارخانىسى  باۋشەن پولات – تۆمۈر گۇرۇھى بىلەن ‹‹1 –  ئاۋغۇست›› پولات – تۆمۈر شىركىتى بىرىككەندىن  كېيىن، بۇ ئۈمىد رېئاللىققا ئايلاندى.

كونا كارخانا قايتىدىن جانلاندى

   ‹‹1 –  ئاۋغۇست›› پولات – تۆمۈر شىركىتى شەرەپلىك ئەنئەنىگە ئىگە كونا كارخانا، ئۇ 50 نەچچە يىللىق قۇرۇلۇشنى باشتىن كەچۈرۈپ، غەربىي رايوندا تەسىر كۈچى بار چوڭ پولات – تۆمۈر كارخانىسىغا ئايلاندى. ئەمما ‹‹1 –  ئاۋغۇست›› پولات – تۆمۈر شىركىتىدىكىلەر يېڭى ئەسىر كىرگەندىن كېيىن، ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىغا تايىنىپ كەسكىن بازار رىقابىتىدە پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. دۆلەتنىڭ پولات – تۆمۈر كەسىپ سىياسىتىگە ئاساسەن، 2010 – يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىزدىكى پولات – تۆمۈر تاۋلاش كارخانىلىرىنىڭ سانى خېلىلا ئازىيىپ، مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئون پولات – تۆمۈر كارخانىسىنىڭ پولات مەھسۇلات مىقدارى مەملىكىتىمىز پولات مەھسۇلات مىقدارىنىڭ % 50 ىدىن كۆپرەكىنى، 2020 –  يىلىغا بارغاندا % 70ىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن زورىيىش، كۈچىيىش ‹‹1 –  ئاۋغۇست›› پولات – تۆمۈر شىركىتىنىڭ بىردىنبىر تاللىشى بولۇپ قالدى.

   ‹‹1 –  ئاۋغۇست›› پولات – تۆمۈر شىركىتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، 2007 –  يىلى 28 –  ئاپرېل  باۋشەن پولات – تۆمۈر گۇرۇھىغا رەسمىي قوشۇۋېتىلىپ، تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى كۈتۈۋالدى. بۇ شىركەت باۋشەن پولات – تۆمۈر گۇرۇھىنىڭ ياردىمىدە ‹‹11 –  بەش ›› يىللىق تەرەققىيات پىلانىنى قايتا تۈزدى. يېڭى ئۇلۇغۋار پىلان ‹‹1 –  ئاۋغۇست ›› پولات – تۆمۈر شىركىتىدىكىلەرنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى، يېڭى پىلان ئاساسىي قۇرۇلۇش تۈرى، 2500  كۇب مېتىرلىق ئىككى دومنا پېچ، 120 توننىلىق ئۈچ ئايلانما پېچ، تۆشۈكلۈك تۆت كوكس پېچىدىن 55 ى، ئىككى چوڭ تىپتىكى ئېرىتىپ ئۇلاش ماشىنىسى ۋە خام ماتېرىيال مەيدانى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك يۈرۈشلۈك ئەسلىھەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ تۈرلەرنىڭ قۇرۇلۇشى ‹‹1 –  ئاۋغۇست›› پولات – تۆمۈر شىركىتىنىڭ جابدۇق – ئۈسكۈنىلىرىنىڭ چوڭ تىپلىشىشكە  يۈزلەنگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ