|
12 – ئىيۇندىن 13 – ئىيۇنغىچە تۇرپان شەھىرىدە ئېچىلغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كارىز تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ 5 – نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى كارىز تەتقىقاتىنىڭ يېڭى باسقۇچقا كىرگەنلىكىدىن بېشارەت بەردى.
كارىز ئېلىمىزدىكى سەددىچىن سېپىلى، بېيجىڭ – خاڭجۇ قانىلى قاتارلىق قەدىمكى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشلار بىلەن بىر قاتاردا تۇرىدىغان، 2000 يىللىق تارىخقا ئىگە بۈيۈك نامايەندە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شىنجاڭ كارىز تەتقىقات جەمئىيىتى يېقىنقى ئالتە يىلدىن بۇيان، كارىزلارنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش مەركەز قىلىنغان ‹‹شىنجاڭ كارىزلىرى›› ناملىق كىتابنى نەشر قىلىش، ‹‹شىنجاڭ كارىزلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ۋە دەسلەپكى تەتقىقات دوكلاتى››نى يېزىش، كارىزلارنىڭ تارقىلىش خەرىتىسىنى لايىھىلەش – نەشر قىلىش، ‹‹شىنجاڭ كارىزلىرىنى قوغداش، پايدىلىنىش پىلانى››نى تۈزۈش ۋە كارىز سەيلىگاھى قۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ناھايىتى ياخشى ئىشلەپ، ئابىدە خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.
كارىزنى تەتقىق قىلىش، تەشۋىق قىلىش ۋە قوغداشنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى ئاساسىي كۈنتەرتىپكە كىرگۈزگەن بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا، تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى، تونۇلغان كارىزشۇناس غوپۇر نۇرىدىن ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىرغىچە شىنجاڭدا 1785 كارىز ئېنىقلاندى، بۇنىڭ ئىچىدە، سۇ بار كارىز 615، قۇرۇپ كەتكەن كارىز .1170 قۇرۇپ كەتكەن كارىزلارنىڭ ئىچىدىن 207 كارىزنى رېمونت قىلىپ قوغداش ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى، مەدەنىيەت مىراسى ۋە مۆجىزە خاراكتېرلىك سۇ قۇرۇلۇشى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، كارىز تەتقىقاتىنى بىر كۈنمۇ توختىتىشقا بولمايدۇ. شۇڭا، كارىز تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ تەشكىلىي ئاپپاراتىنى مۇكەممەللەشتۈرگەن بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاي كارىز تەتقىقاتىنىڭ يېڭى باسقۇچقا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بەردى.
|