|
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى قاتارلىق رەھبەرلەر 23 – ئىيۇن چۈشتىن كېيىن، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ياڭ جىڭ باشچىلىقىدىكى دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ، تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ، تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشقا ئالاقىدار تۈرلۈك سىياسەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، تەتقىق قىلىش ئۈچۈن كەلگەن.
نۇر بەكرى سۆھبەتتە مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىز يېقىنقى يىللار مابەينىدە مەركەزنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدىكى تۈرلۈك سىياسەتلىرىنى تولۇق ئىزچىللاشتۇردى ۋە ئەمەلىيلەشتۈردى، ھازىر شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىغا مۇناسىپ شارائىت ھازىرلاندى، پۇرسەتمۇ پىشتى. ئاپتونوم رايونىمىز مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرىدۇ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ؛ ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى تېخىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر كادىرلىرى خىزمىتى توغرىسىدىكى فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلار بايلىقىنى ئېچىشنى ۋە ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىدۇ؛ ئاز سانلىق مىللەتلەر مائارىپى، مەدەنىيەت ئىشلىرىنى كۈچەپ راۋاجلاندۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىدىيە، ئەخلاق ۋە پەن – مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلايدۇ؛ ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. تەكشۈرۈپ، تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ دۆلەت ۋە ئالاقىدار مىنىستىرلىك، كومىتېتلارنىڭ شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نامرات جايلىرىغا ياردەم بېرىشىنى ۋە ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى قوللاش سالمىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشىغا كۆپرەك مۇراجىئەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ياڭ جىڭ مۇنداق دېدى: دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكىلەر شىنجاڭدىكىلەر ئىنكاس قىلغان ئەھۋال ۋە ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەرنى ئالاقىدار مىنىستىرلىك، كومىتېتلارغا ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىپ، مۇراجىئەت قىلىپ ۋە ماسلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى بۇرۇنقىدەكلا قوللايدۇ.
ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شەۋكەت ئىمىن، جاپپار ھەبىبۇللا، ۋاڭ يۇڭمىڭ سۆھبەتتە بىللە بولدى.
|