|
ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن 23 – ئىيۇن چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن بانكا باشلىقى فەن يىفېي ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.
ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن فۇ چياڭ، خەن يۇڭ، بەي جىجيې قاتارلىقلار كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.
ۋاڭ لېچۈەن جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىنى ئۇزاقتىن بۇيان قوللاپ كەلگەنلىكىگە چىن قەلبىدىن رەھمەت ئېيتتى ھەم فەن يىفېي ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىغا شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتتىكى ئەھۋالىنى قىسقىچە تونۇشتۇردى.
فەن يىفېي مۇنداق دېدى: قۇرۇلۇش بانكىسى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى تەرەققىياتى خېلى ياخشى بولدى، ئۇنىڭ تەرەققىياتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. قۇرۇلۇش بانكىسى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىدا بۇرۇنقىدەكلا ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئىسلاھات داۋامىدا راۋاجلىنىپ، پۇل – مۇئامىلىدە يېڭىلىق يارىتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت سەۋىيىسىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈپ، يەرلىكتىكى كارخانىلارنى كۈچەيتىش، زورايتىش ئۈچۈن پائال شارائىت يارىتىدۇ.
|