|
ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن 23 – ئىيۇن كەچتە دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ياڭ جىڭ باشچىلىقىدىكى دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى تەكشۈرۈپ، تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى.
ۋاڭ لېچۈەن تەكشۈرۈپ، تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەرنى قارشى ئالدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەم دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا، شۇنىڭدەك مىللەتلەر خىزمىتىگە ياردەم بەرگەنلىكىگە ۋە ئۇنى قوللاپ كەلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى تەكشۈرۈپ، تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈپ، تەتقىق قىلىش ئارقىلىق شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدا تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ كۆپ پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى بېرىشىنى ھەم دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنىڭ خىزمەتلىرىگە داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئۇنى قوللاپ، شىنجاڭنىڭ يېڭىچە مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىشىغا تېخىمۇ ياخشى ھەيدەكچىلىك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ئۇزاققىچە تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى.
ياڭ جىڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ، تەتقىق قىلىش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى تېخىمۇ ياخشى قوللاپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىگە يېڭى تۆھپە قوشۇشىغا مەدەتكار بولىمىز.
ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن نۇر بەكرى، ياڭ گاڭ، شەۋكەت ئىمىن، سۇڭ ئەيرۇڭ، بەي جىجيې، جاپپار ھەبىبۇللا كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.
|