|
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇھەممەت سىيىتنىياز خەۋىرى : پىچان ناھىيىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، ‹‹مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش›› ، ‹‹پەن–مائارىپ ئارقىلىق ناھىيىنى گۈللەندۈرۈش›› ، ‹‹مائارىپتا كۈچلۈك ناھىيە قۇرۇش›› ئىستراتېگىيىسىنى قەتئىي يولغا قويۇپ ، ناھىيىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ ساغلام ، تېز تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى .
پىچان ناھىيىسى 1997 – يىلىلا ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹ ئىككى ئاساسەن›› خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشىدا لاياقەتلىك بولغان ئىدى . شۇنىڭدىن بۇيان ، بۇ ناھىيە نەتىجە ئالدىدا مەغرۇرلانماي ، مائارىپنى كۈچەيتىش ، تەلىم – تەربىيە شارائىتىنى ياخشىلاش ، مائارىپ ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە ، ‹‹پىچان ناھىيىسىنىڭ ‹ ئىككى ئاساسەن› مائارىپى نەتىجىلىرىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش ، يۇقىرى كۆتۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لاھىيىسى›› نى تۈزۈپ ، مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى تېزلەتتى. ‹‹ بىر بېلەت بىلەن ئىنكار قىلىش ›› تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ ، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتىنى %99.7 كە ، تولۇقسىز مەكتەپكە ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتىنى %96.1 كە يەتكۈزۈپ ، ئوقۇش يېشدىكى بالىلارنىڭ مەكتەپتىن چۈشۈپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى . پىچان ناھىيىسى 2005 – يىلىدىن بۇيان ، ‹‹ئىككى كەچۈرۈم ، بىر تولۇقلىما›› ۋە مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى تۈرلۈك خىراجەتلەرگە 12 مىليون 310 مىڭ يۈەن ئاجرىتىپ ، مەكتەپلەرنىڭ نورمال ئوقۇتۇشىنى كۈچلۈك مەبلەغ ئاساسى بىلەن تەمىنلىدى. ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلاشقا يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىپ ، 2007 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ، زامانىۋى ، ئۆلچەملىك ، يەر تەۋرەشكە چىداملىق قىلىپ سېلىنغان سىنىپ ، ياتاق بىناسى كۆلىمىنى 168 مىڭ 788 كۋادرات مېتىرغا يەتكۈزدى . كەسپىي مائارىپنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ ، تەربىيىلەش ، باشقۇرۇش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ ، دېھقان – چارۋىچىلارنى 23 مىڭ ئادەم (قېتىم) ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان پەن – تېخنىكا بىلىملىرى بويىچە تەربىيىلىدى . ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرگەنلىكتىن ، 2007 – يىلى بۇ ناھىيىدىكى ‹‹قوش تىل›› سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆتۈش نىسبىتى %19 كە ، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆتۈش نىسبىتى %48 كە ، ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئۆتكەن ئوقۇغۇچى 67 گە يەتتى.
|