باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئۈرۈمچى خەۋەرلىرى
ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 27 مىڭدىن كۆپرەك ئوقۇغۇچى تۈنۈگۈن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىغا قاتناشتى
2008- 06- 25 11:51 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى

      3 كۈن داۋام قىلىدىغان ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2008 – يىللىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بويىچە بىر تۇتاش ئېلىنىدىغان ئىمتىھانى تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن باشلاندى. ئىمتىھان كۈزەتكۈچىلىكىگە قاتناشقان ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، ئىمتىھان مەركىزى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جياڭ لۇڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ يىلقى تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەش ئىمتىھانى ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە ئوخشىمايدۇ، ئۈرۈمچى شەھىرى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەستىقلىغان ئۆز ئالدىغا سۇئال چىقىرىپ، ئىمتىھاننى ئۆزى تەشكىللەيدىغان بىردىن – بىر رايون، پۈتۈن شەھەر بويىچە 40 ئىمتىھان نوقتىسى، 1 مىڭ 82 ئىمتىھان مەيدانى تەسىس قىلىندى، 27 مىڭ 273 ئوقۇغۇچى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىغا قاتناشتى، بۇنى ئىلگىرىكى يىللارغا سېلىشتۇرغاندا 4 مىڭ 204 ئوقۇغۇچى كۆپ.

      تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىنىڭ مۇقىم، تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرى خۇشيا مەكتىپى، 93 – ئوتتۇرا مەكتەپ، داۋانچېڭ ئوتتۇرا مەكتىپى قاتارلىق چەت، يېراقتىكى مەكتەپلەردە ئىمتىھان نوقتىسى تەسىس قىلىپ، ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا قولايلىق ياراتتى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىمتىھاننىڭ ئادىل، ھەققانىي بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مىللىي، خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار بىرلىكتە دەرس ئوقۇيدىغان مەكتەپلەردىكى ئىمتىھان نوقتىلىرىدا مىللىي، خەنزۇ ئوقۇتقۇچىلار ئىمتىھانغا بىرلىكتە نازارەتچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويدى. مۇخبىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك 8 – ئوتتۇرا مەكتەپتە، ئىمتىھان نوقتىسىنىڭ سىرتىدا چاي تەمىنلەش نوقتىسى، پىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىش نوقتىسى، داۋالاش مۇلازىمەت نوقتىسى، ئوقۇش قۇراللىرى بىلەن تەمىنلەش نوقتىسى تەسىس قىلىپ، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا – ئانىلارغا قولايلىق يارىتىلغانلىقىنى كۆردى.

      بارلىق ئاتا – ئانىلار ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئارزۇ تولدۇرۇش مەسىلىسىگە قارىتا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لى جيەنشېڭ ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا – ئانىلارغا مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: بۇ يىلقى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىدىكى ئارزۇ تولدۇرۇش ئۇچۇر كارتىسىدا ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر ۋە كەسپىي مەكتەپلەر بار، ھەممىسى بىر كارتىغا تولدۇرۇلىدۇ، بىز ئاتا – ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ، پەرزەنتلىرىنى ئىلمىي تولدۇرۇشقا يېتەكلىشى كېرەك، مەيلى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بولسۇن ۋە ياكى كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بولسۇن، ھەممىسى مۇنەۋۋەر ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيىلەپ چىقالايدۇ.

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ