|
مۇشۇ ئاينىڭ 7– كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئۇلانبايدىن بەنفاڭگۇ، شۇيشىگۇغىچە بولغان تەڭرىتاغ يولىدا ھەق ئېلىشقا باشلىدى. ھەق ئېلىش پونكىتى بىلەن ئۈرۈمچى جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىنىڭ شوپۇرلۇقتىن ئىمتىھان ئېلىش مەركىزىنىڭ ئارىلىقى بىر كىلومېتىردىن ئارتۇقراق بولسىمۇ، ئەمما كىشىلەر ئاپتوموبىل بىلەن ئىش بېجىرىش ئۈچۈن بېرىپ–كېلىشكە 20 يۈەن يول ھەققى تاپشۇرىدىغان بولدى. بىر قانچە كۈندىن بۇيان، شەھەر ئاھالىلىرى مۇخبىرغا بۇ توغرىلىق توغتىماي ئىنكاس قىلدى، ئىنكاس قىلغۇچىلار مۇنداق دېدى: ‹‹بىزنىڭ ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىغا سالامەتلىك تەكشۈرتۈش، كىنىشكا بېجىرىش ئۈچۈن بېرىپ–كېلىشىمىزگە ھەق ئالسا پەقەتلا مۇۋاپىق بولمايدۇ؛ بۇ ئارىلىق ئاران بىر كلومېتىدىن ئارتۇقراق يول تۇرسا، كۈندە 20 يۈەن يولدىن ئۆتۈش ھەققى تاپشۇرساق، مېنىڭچە پەقەت مۇۋاپىق ئەمەس.››
ئاممىنىڭ دېگەنلىرىنىڭ راستلىقىنى دەلىللەش ئۈچۈن مۇخبىر ئاپتوموبىل بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىنىڭ شوپۇرلۇقتىن ئىمتىھان ئېلىش مەركىزىگە باردى، پۈتۈن مۇساپە بىر كىلومېتردىن ئارتۇقراق كېلىدىغان بولسىمۇ، ئەمما بېرىپ–كېلىش ئۈچۈن 20 يۈەن ھەق تۆلىدى.
بۇ ئىشقا ئىزچىل دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئۈرۈمچى ماتورلۇق ئاپتوموبىل شوپۇرلىرىنى تەربىيىلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى چېن سوڭخۈي مۇنداق دېدى: ‹‹ تەڭرىتاغ يولىدىكى نامۇۋاپىق ھەق ئېلىش ئۈرۈمچىدىكى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە تەسىر يەتكۈزدى. ئۈرۈمچىدىكى بارلىق شوپۇرلارنىڭ رەسمىيىتى مۇشۇ كۆزنەكتە بېجىرىلىدۇ، ئۈرۈمچىدە ھازىر 300 مىڭ شوپۇر بار، ئادەتتە بۇ يەردە يەنە نۇرغۇن خىزمەتلەر بېجىرىلىدۇ، بىر قېتىم بېرىپ–كېلىش ئۈچۈن 20 يۈەن ھەق ئېلىنسا ھەقىقەتەن نامۇۋاپىق››.
ئۈرۈمچى شەھىرىدە يىلدا 30 مىڭغا يېقىن ئامما شوپۇرلۇقتىن ئىمتىھان ئېلىش مەركىزىدە ئىمتىھانغا قاتنىشىپ كىنىشكا ئالىدۇ، مەشىق ئاپتوموبىللىرى ھەق ئېلىش پونكىتىدىن پات–پات ئۆتۈپ تۇرىدۇ. ھازىرقى ھەق ئېلىش ئۆلچىمى بويىچە ھېسابلىغاندا، بىر شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئېلىش ئۈچۈن ھەر بىر ئۆگەنگۈچى تاپشۇرىدىغان يول ھەققىلا 200 يۈەنگە بارىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق ئاپتوموبىل كەسپىي تەربىيىلەش ئىنىستىتوتىنىڭ باشلىقى ليۇ گۇەنجۈن مۇنداق دېدى: ‹‹ شوپۇرلۇققا ئىمتىھان بېرىش مەيدانىنىڭ بۇ يەرگە تەسىس قىلىنغىنىغا 15 يىل بولدى. مېنىڭچە بۇ يول ئېغىزىدا ھەق ئېلىش تازا مۇۋاپىق ئەمەس، خۇددى ئىمتىھان مەيدانىغا قارىتىلغاندەكلا ئىش بولدۇ››.
ئاممىنىڭ تەڭرىتاغ يولىدا ھەق ئېلىشقا پىكرى بەك كۆپ. ئەمما ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ يولى مەبلەغ سېلىش باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشخانا مۇدىرى خەن جۈنمىڭ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى:‹‹شوپۇرلار شوپۇرلۇققا ئىمتىھان بېرىش مەركىزىگە بارىمىز دېسە، ئۇلارنىڭ شوپۇرلۇققا ئىمتىھان بېرىش مەركىزىگە بارغان–بارمىغانلىقىنى قانداق ئىسپاتلىغىلى بولىدۇ.››
ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ھەق ئېلىش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جياڭ شىن مۇنداق دېدى: ‹‹ ئەگەر ئەتىراپتىكى ئىدارىلەرگە ئېتىبار بېرىش شارائىتى ھازىرلاپ بېرىلمىسە بۇ پونكىتنى بۇ يەرگە تەسىس قىلىشقا بولمايدۇ. بىز شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، قاتناش ئىدارسى، مالىيە ئىدارىسىنىڭ بۇ ئۇسۇلنى تەكشۈرۈپ بېكىتىشىنى تەلەپ قىلىمىز. ھەق ئىلىش بىلەن بىرگە، ھەق ئېلىش پونكىتىنىڭ ئەتىراپىدىكى ئىدارە ۋە ئاھالىلەرگە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى چىقىرىش كېرەك››.
|