|

جۇڭگو پەن – تېخنىكا مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ساۋ جيەنلىن باشلىنىش مۇراسىمىدا تەبرىك سۆز قىلدى
جۇڭگونىڭ ئەڭ يېڭى پەن – تېخنىكا نەتىجىلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش ، جۇڭگو بىلەن بېلورۇسىيىنىڭ پەن – تېخنىكا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسىي مەقسەت قىلىنغان ‹‹ جۇڭگو پەن – تېخنىكا كۈنى›› كۆرگەزمىسى 24 – ئىيۇن بىلورۇسىيىنىڭ پايتەختى مىنىسكىدا ئۆتكۈزۈلدى .
ئىگىلىنىشچە ، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنىڭ ۋاقتى تۆت كۈن بولۇپ ، كۆرگەزمىنى جۇڭگو پەن – تېخنىكا مىنىستىرلىكى بىلەن بىلورۇسىيە پەن – تېخنىكا كومىتېتى بىرلىكتە ئويۇشتۇرغان .
|