باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
تەرەققىيات قارىشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش قەدىمىنى تېزلىتىپ، بىڭتۈەن ئىقتىسادىنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك
2008- 06- 25 11:18 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

    24 – ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۈەننىڭ سىياسىي كومىسسارى نيې ۋېيگو بىڭتۈەننىڭ 6 – قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىللەرنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا مۇنداق كۆرسەتتى: بىڭتۈەننىڭ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى – ئۇزاق مۇددەتلىك بىر تارىخىي جەريان، تەرەققىيات قارىشىدا چوقۇم ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، ئىقتىساد قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش قەدىمىنى تېزلىتىپ، بىڭتۈەن ئىقتىسادىنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

      نيې ۋېيگو مۇنداق دېدى: 2012 – يىلىغا بارغىچە، بىڭتۈەندە غەربىي شىمال رايونى بويىچە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش نىشانىنى ئەڭ ئاۋۋال ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك، ۋەزىپە ئىنتايىن مۈشكۈل، نۆۋەتتە بىڭتۈەندىكى بىر قىسىم تۈەن - مەيدانلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى كۆڭۈلدىكىدەك بولمايۋاتىدۇ، بۇنىڭدىكى ھالقا - ئىسلاھاتتا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى، ئىسلاھاتنىڭ تولۇق ئەمەلىيلەشمەسلىكىدە. بىز ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشتىن ئىبارەت بۇ مەركەزنى چىڭ تۇتۇپ، ئىدىيىنى يەنىمۇ زور جەھەتتە ئازاد قىلىپ، بىڭتۈەن ئىشلىرىنىڭ زور تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز، ھەم بازار ئىگىلىكى تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھەم بىڭتۈەننىڭ ئالاھىدە ئۈستۈنلۈكىنى نامايەن قىلىدىغان مۇكەممەل تۈزۈلمە مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك. تەرەققىيات قارىشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، تۈەن – مەيدانلار بىلەن ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئورنىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تۈەن –مەيدانلار ۋە ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئائىلىسىنى باشقۇرۇش ھوقۇقى دائىرىسى بىلەن مەنپەئەت تەقسىماتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئاممىسىنىڭ ئاكتىپلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغىشىمىز كېرەك.

 نيې ۋېيگو يەنە بىڭتۈەندىكى ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلاردىن خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا كۆڭۈل بۆلۈشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، بارلىق ئامال – چارىلەر بىلەن ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ، ئاممىنى ھەقىقىي ئەمەلىي نەپكە ئىگە قىلىشنى تەلەپ قىلدى .
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ