|
ئاپتونوم رايونلۇق ئۇچۇرچىلىق نازارىتى، كادىرلار نازارىتى، ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى قاتارلىق تارماقلار بىرلىكتە ئۇيۇشتۈرغان، شىنجاڭ ئېلېكترون تەتقىقات ئورنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان 2 – نۆۋەتلىك كومپيۇتېر مەشغۇلاتچىلىرىنىڭ تېخنىكا ماھارىتى كۆرسىتىش مۇسابىقىسى 24 – ئىيۇن رەسمىي باشلاندى.
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىرىدىكى ئورگان، كەسپىي ئورۇنلار، كارخانلار، مەكتەپلەردىن كەلگەن 200 گە يېقىن ھەر مىللەت ماھىرى 20 دىن كۆپرەك كوماندىغا بۆلىنىپ، مۇسابىقىگە قاتناشتى. بۇ ماھىرلار ھەر قايسى ئىدارىلارنىڭ سىستېمىلىق تەربىيلىشى ۋە قاتلاممۇ –قاتلام مۇسابىقىلىشىشى ئارقىلىق تاللاپ چىقىلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئارسىدا تايانچ تېخنىكلار، كومپيۇتېر مەشغۇلاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئادەتتىكى خادىملار، ئوقۇغۇچىلار ۋە مىيىپلارنىڭ ۋەكىللىرى بار.
بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ئالدىنقى 6 –لىككىچە ئېرىشكەنلەرگە ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى ئالىي دەرىجىلىك تېخنىك سالاھىيەت گۇۋانامىسى، ئورگان، كەسپىي ئورۇنلاردىن كەلگەنلەرگە كادىرلار تارماقلىرى مۇناسىپ تېخنىك دەرىجىسى ياكى ئۇنۋانى بېرىدۇ. باشقا نەتىجىگە ئىرىشكەن ماھىرلارغا ئاپتونوم رايونلۇق ئۇچۇرچىلىق نازارىتى‹‹ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېلېكترون، ئۇچۇر كەسپىدىكى تېخنىك ئۈلگىسى››دەپ نام بېرىدۇ.
|