باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە تۇنجى 300 مىگاۋاتلىق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى ۋە ماناس – ئۈرۈمچىنىڭ شىمالغا توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى تاماملىنىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى
2008- 06- 25 11:07 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

24 –ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە تۇنجى 300 مىگاۋاتلىق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى ۋە ماناس – ئۈرۈمچىنىڭ شىمالغا توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ماناس ئېلېكتر ئىستانسىسىدا تاماملىنىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، بۇ قۇرۇلۇش—‹‹غەربنىڭ توكىنى شەرققە يەتكۈزۈش›› ئېنېرگىيە ستراتېگىيىسىدىكى نوقتىلىق قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن قاتارلىق رەھبەرلەر قۇرۇلۇشنى تاماملاپ ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى. قۇرۇلۇشنى تاماملاپ ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىدىن بۇرۇن، ۋاڭ لېچۈەن قاتارلىق رەھبەرلەر يەنە ماناس– ئۈرۈمچىنىڭ شىمالىغا توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ سۇمۇرغ ترانسفورماتور ئىستانسىسىنى كۆزدىن كۆچۈردى.

      ماناس ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ 3 – قارارلىق كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى 300×2 مېگاۋات گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى — دۆلەتنىڭ 11 – بەشيىللىق يىرىك پىلانىدىكى نوقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرى بولۇپ، قۇرۇلۇشقا جەمئىي 2 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى. ۋاڭ لېچۈەن كۆزدىن كۆچۈرگەندە مۇنداق دېدى: دۆلەت ئېلېكتر تورى شىركىتى دۆلەتنىڭ ئالاھىدە چوڭ ئېنېرگىيە كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭنى ئېچىش قۇرۇلۇشىغا ئىنتايىن ئىزچىل كۆڭۈل بۆلدى ۋە قوللىدى، دۆلەت ئېلېكتر تورى شىركىتى، غەربىي شىمال ئېلېكتر تورى چەكلىك شىركىتىنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمى ئاستىدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. دۆلەت ئېلېكتر تورى شىركىتىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە قوللىشى ئاستىدا ھەمدە غەربىي شىمال ئېلېكتر تورى چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى شىركىتىنىڭ بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە تۇنجى 300 مېگاۋات توك تارقىتىش گېنېراتولار گۇرۇپپىسى ۋە يانداشما توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ بىخەتەر، مۇقىم يۈرۈشۈشى ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ھەم ياخشى ھەم تېز راۋاجلىنىشىغا يېڭى تۆھپىلەرنى قوشىدۇ. 

      ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى قۇرۇلۇشنى تاماملاپ ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى ياڭ گاڭ مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

      نۇر بەكرى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى شىركىتى ئۈرۈمچى - سانجى رايونىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ئاپتونوم رايونىمىز خىزمىتىنىڭ ئومۇمىيلىقىنى چىقىش قىلىپ، تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، يۇقىرى ئۆلچەمدە، يۇقىرى سۈپەتتە بۇ قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى تاماملىدى، قۇرۇلۇشنىڭ تاماملىنىپ، ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى ئۈرۈمچى - سانجى رايونىنىڭ توكقا بولغان ئېھتىياجىنىڭ تېز ئېشىشىنى  ۋاقتىدا قامدىدى، بۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېلېكتر تورى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: غەربنى كەڭ ئېچىش ستراتېگىيىسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش قەدىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز تېزلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىگە بولغان ئېھتىياجمۇ بارغانسىرى ئاشتى، ئاپتونوم رايونىمىز دۆلەت ئېلېكتر تورى شىركىتى ۋە غەربىي شىمال ئېلېكتر تورى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى بازىسى قۇرۇلۇشىنى قوللاش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، شىنجاڭ ئېلېكتر تورى بىلەن غەربىي شىمال ئېلېكتر تورىنى تورلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسنى زور كۆلەمدە سىرتقا چىقىرىشقا پائال تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى قارشى ئالىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاۋالقىدەكلا ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى سانائىتى تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ ۋە قوللايدۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېلېكتر تورى قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ ۋە قوللايدۇ.

      غەربىي شىمال ئېلېكتر تورى چەكلىك شىركىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىرى چېن فېڭ: غەربىي شىمال ئېلېكتر تورى شىركىتىنىڭ غەربىي شىمال ئېلېكتر تورىنىڭ 11 - بەشيىللىق تەرەققىيات پىلانىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ ئېلېكتر تورى بىلەن غەربىي شىمال ئېلېكتر تورىنىڭ بىرلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىنى سىرتقا يەتكۈزۈش قەدىمىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئەلا سۈپەتلىك ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى مۇلازىملىقى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

      لېنتا كېسىش مۇراسىمىدىن كېيىن، ۋاڭ لېچۈەن قاتارلىق رەھبەرلەر ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە تۇنجى 300 مېگاۋاتلىق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى—ماناس ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ 3 - قارارلىق كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنىڭ 7 – نومۇرلۇق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش نەق مەيدانىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

 ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن بەي جىجيې، كۆرەش مەخسۇت، ۋاڭ يۇڭمىڭلار مۇراسىمغا قاتناشتى.  

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ