باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
خەلقئارا خەۋەرلەر
2008- 06- 25 11:02 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     يېڭى زىلاندىيىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى پىتىس 24 – ئىيۇن مۇنداق دېدى: يېڭى زىلاندىيە ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن كىيىنكى 8 يىل ئىچىدە تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەتلەرنى ئومۇمى قىممىتى 2 مىليارد يېڭى زىلاندىيە دوللىرى ( تەخمىنەن 1 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا توغرا كىلىدۇ) تەرەققىيات ياردىمى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

      ·ھىندىستاندا چىقىدىغان ‹‹ئىقتىساد ۋاقىت گېزىتى››نىڭ  24 – ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ماي باھاسىنىڭ ئۆسۈشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، ھىندىستاندىكى ئەڭ چوڭ ئىككى ئاۋىئاتسىيە شىركىتى بولغان جىدا ئاۋىئاتسىيە شىركىتى بىلەن ھىندىستان ئاۋىئاتسىيە شىركىتىدە ئېغىر زىيان كۆرۈلگەن.

        ·سىنگاپور زۇڭلىسى لى شيەنلوڭ 24 – ئىيۇن مۇنداق دېدى: شەھەرلەرنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى بۈگۈنكى كۈندە ئىنسانلار دۇچ كەلگەن مۇھىم خىرىسنىڭ بىرى بولۇپ قالدى، شۇڭا دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەللەر قول تۇتۇشۇپ، كەلگۈسىىدە تېخىمۇ پاكىز، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولغان بايلىقلاردىن پايدىلىنىپ، جۇشقۇن ھاياتى كۈچكە تولغان شەھەر قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.

     ·چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 24 – ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، كۇۋەيتنىڭ نېفىت ۋە سۇ- ئېلېكتىر ۋەزىرى مۇھەممەد ئابدۇللا ھادى ۋۇلايمۇ يېقىندا، كۇۋەيت كېلەر يىلنىڭ ئوتتۇرىرىلىرىدىن ئېتىبارەن، نېفىتنىڭ كۈندىلىك مەھسۇلات مىقدارىنى 300 مىڭ توننا ئاشرىدۇ، دېگەن.

     ·فرانسىيىنىڭ مۇھىت ئىشلىرىغا مەسئۇل دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ناتالى كىشچۇسكى مورىز يېقىندا فرانسىيىدە چىقىدىغان ‹‹پارىژلىقلار گېزىتى›› مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، قانۇن چىقىرىش شەكلى ئارقىلىق فرانسىيىدە ئاممىۋى يورۇتۇش ئۈسكۈنلىرىنىڭ ۋاقتى ۋە يورۇقلۇق دەرىجىسىنى چەكلەپ، بۇ ئارقىلىق ئاخىرىدا ئېنېرگىيە تېجەش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ، دېدى.

     ·تايلاند دۆلەت مەجلىسى تۆۋەن پالاتاسى  24 – ئىيۇن سائەت 13 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە ئالاھىدە يىغىن ئېچىپ، زۇڭلى شاما ۋە ئىچكى كابېنتنىڭ باشقا 7 ئەزاسىنى ئەيىپلەش توغرىسىدىكى ئىشەنمەسلىك دېلوسى ئۈستىدە 2 كۈنلۈك مۇنازىرىنى باشلىدى.

     ·ئامېرىكا فېدىراتىسيە زاپاس كومىتېتى پۇل سىياسىتىنى بىكىتىش ئۈستىدە يىغىن ئۆتكۈزۈش ھارپىىسىدا، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى كۈزىتىش پوزىتىسيىدە بولغاچقا، 24 – ئىيۇن توكيو ئاكسىيە بازىرىدا پاي چېكىىنىڭ كۈندىلىك كۆرسەتكۈچى سەل تۆۋەنلىدى.

     ·فرانسىيە ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بىرىش جەمىئىيىتى يېقىندا ئېلان قىلغان بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، ئىسپىرت، نەشە ۋە كۈچلۈك ئاۋاز  قاتارلىقلار فرانسىيە ياشلىرىنىڭ تۇرمۇشىدىكى 3 مۇھىم ئامىل ئىكەن، فرانسىيە ياشلىرىنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىكەن.

     ·فىلىپپىن دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ باياناتچىسى ئالېيۋالى 24 – ئىيۇن مۇنداق دېدى: فىلىپپننىڭ قۇتقۇزۇش خادىملىرى شۇ كۈنى مۇشۇ ئاينىڭ 21-كۈنى سۇغا غەرق بولۇپ كەتكەن ‹‹ يۇلتۇزلار تۈركۈمى مەلىكىسى›› ناملىق كېمىنىڭ بۆلۈمچىسىدىن قازا قىلغان نۇرغۇن جەسەتلەرنى بايقىدى.

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ