|
·يېقىندا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ يوڭكاڭ زەھەر چەكلەش خىزمىتىگە مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: زەھەر چەكلەش خىزمىتىنى ئۇزۇن مەزگىللىك ۋەزىپە دەپ قاراپ، قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇتۇش؛ تەجرىبىلەرنى ئەستايىدىل خۇلاسىلاپ، يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى مەسىلە، يېڭى ئالاھىدىلىككە قارىتا، ئۇنىۋېرسال تۈزەش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، زەھەر چەكلەش خەلق ئۇرۇشىنى ئىزچىل چوڭقۇر داۋاملاشتۇرۇش؛ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، تەشۋىقات، تەربىيە، قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش، ئىلمىي ئۇسۇلدا زەھەر تاشلاتقۇزۇش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، خەلقئارا ھەمكارلىق قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈش؛ ‹‹زەھەر چەكلەش قانۇنى›› نى يولغا قويۇشنى ئاچقۇچ قىلىپ، زەھەر چەكلەشتىكى قانۇن ئىجراسىنى كۈچەيتىپ، زەھەر چەكلەش خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك.
·گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ 24 – ئىيۇن جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ 14–قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنى ۋە جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيىسىنىڭ 9–قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنىدا، ئىككى ئاكادېمىيىنىڭ ئاكادېمىكلىرىنى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىدىن ۋە نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتتىن خەۋەرلەندۈرۈپ، يېڭى ۋەزىيەتتە پەن-تېخنىكا خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش تەلەپلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا پەن-تېخنىكىغا تايىنىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
·گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، گوۋۇيۈەن يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش باش قوماندانلىق شىتابىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى خۈي لياڭيۈ گوۋۇيۈەن ۋە گوۋۇيۈەن يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش باش قوماندانلىق شىتابىغا ۋاكالىتەن، تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا سىچۈەن ۋېنچۈەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشقا ئالاقىدار دەسلەپكى باشقۇچلۇق خىزمەتلەرنى دوكلات قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ‹‹ دەسلەپكى باسقۇچتا جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، قاپسىلىپ قالغان ئامما ئەڭ زور دەرىجىدە قۇتقۇزۇپ قېلىندى، يارىلانغانلار ياخشى داۋالىنىشقا ئىگە بولدى، ئاپەتكە ئۇچىرىغان ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشى دەسلەپكى قەدەمدە ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئاپەت يۈز بەرگەن رايوننىڭ ئىجتىمائىي تەرتىپى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كۆرىشىدە مۇھىم باسقۇچ خاراكتېرلىك غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلدى›› .
·خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىكى 24 – ئىيۇن سائەت 12گىچە سىچۈەن ۋېنچۈەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانىنىڭ 69 مىڭ 185 ئادەمگە، يارىلانغانلارنىڭ سانىنىڭ 374 مىڭ 171 ئادەمگە يەتكەنلىكىنى، 18 مىڭ 467 ئادەمنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
·يېقىنقى مەزگىلدە كەسكىن بولىۋاتقان كەلكۈن ئەھۋالىغا قارىتا، تۆمۈريول مىنىستىرلىكى كەلكەندىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئوقتۇرۇشىنى يەنە چىقىرىپ، تۆمۈريول تارماقلىرىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش بىخەتەرلىك خىزمىتىنى نۆۋەتتىكى ھەممىدىن مۇھىم خىزمەت دەپ بىلىپ، دەرھال 1– دەرىجىلىك ھۇشيارلىق ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇش، ساقلىنىش ھالىتىگە ئۆتۈشنى؛ جايلاردىكى تۆمۈريول ئىدارىلىرىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى بىۋاستە ئورۇنلاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش رايون بۆلۈكىنى بىۋاستە تەكشۈرۈپ، كەلكەندىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىپ، پويىزلارنىڭ بولۇپمۇ يولۇچىلار پويىزىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
|