|

11–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 3– يىغىنى 24 – ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. يىغىندا گوۋۇيۈەننىڭ سىچۈەن ۋېنچۈەندىكى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمەت ئەھۋالىدىن بېرىلگەن دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە قاراپ چىقىلدى؛ قاراپ چىقىشقا سۇنۇلغان 2008– يىللىق مەركەز خامچوتىنى تەڭشەش لايىھىسىنىڭ دەسلەپكى لايىھىسى توغرىسىدىكى تەكلىب لايىھىسى قاراپ چىقىلدى؛ دۆلەت مۈلۈكى قانۇنى، ئايلانما ئىقتىساد قانۇنىنىڭ دەسلەپكى لايىھىسى، ئوت ئۆچۈرۈش قانۇنىنىڭ ئۆزگەرتىلگەن دەسلەپكى لايىھىسى قاتارلىقلار داۋاملىق قاراپ چىقىلدى.

يىغىنغا ۋۇ باڭگو رىياسەتچىلىك قىلدى
|