باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
پەيزاۋاتتا پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتى تېز بولماقتا
2008- 06- 24 18:44 شىنجاڭ گېزىتى

    پەيزاۋات ناھىيىسى  يۆلەش تەدبىرلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلەتتى.

   ناھىيىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى  ئەلالاشتۇرۇپ، ئۇنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان چەكلىمىلەرنى بىكار قىلدى، تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىدىغان تەدبىرلەرنى تۈزۈپ ئەمەلىيلەشتۈردى. سودىگەر، مەبلەغ جەلپ قىلىشنى پۇقراۋى ئىگىلىكنى جانلاندۇرۇشنىڭ مۇھىم يولى دەپ قاراپ، سودىگەرلەرنى مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلدى. سانائەت رايونى تەسىس قىلىپ، ئۇل مۇئەسسەسىلىرىنى يۈرۈشلەشتۈردى. 5 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، بۇ ناھىيىگە ماكانلاشقان 60 قا يېقىن كارخانىدىن ‹‹قۇياش نۇرى›› ۋېلىسىپىت زاۋۇتى ۋە ‹‹باۋدۇ›› مېۋىچىلىكى قاتارلىق 17 كارخانا سانائەت رايونىغا ماكانلىشىپ ئىشقا كىرىشتى. بۇ كارخانىلارنىڭ ھازىرغىچە سالغان مەبلىغى 218 مىليون 700 مىڭ يۈەنگە يەتتى. ناھىيە بويىچە يەككە، سودا – سانائەتچى 3098گە يېتىپ، تىزىمغا ئالدۇرغان مەبلىغى 28 مىليون 900 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. يىل بېشىدىن ھازىرغىچە يەككە، خۇسۇسىي ئىگىلىكتىن قىلىنغان كىرىم 9 مىليون 306 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى شۇ  مەزگىلدىكىدىن%6.5 ئاشتى. خۇسۇسىي كارخانىدىن 316 سى كۆپىيىپ، بۇ ئورۇندا ئىشلەۋاتقانلار 1650 ئادەم (قېتىم)گە يەتتى. 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ