باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
ئاۋاتتا 95 مىڭ مو باغ ھوسۇلغا كىردى
2008- 06- 24 18:43 شىنجاڭ گېزىتى

    ئاۋات ناھىيىسىدە باغ – ئورمانچىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، ئومۇمىي باغ كۆلىمى 295 مىڭ مودىن، مېۋە بېرىشكە باشلىغان كۆلەم 95 مىڭ مودىن كۆپرەككە يەتتى.

   ئاۋات ناھىيىسى باغۋەنچىلىكنى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى تۈۋرۈك كەسىپ قاتارىدا تۇتۇپ، باغ – ئورمانچىلىقنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇردى. 2004 – يىلىدىن باشلاپ بەش يىلدىن ئون يىلغىچە دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمىنى 8000 يۈەندىن 10 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزۈشنىڭ ئاساسىنى شەكىللەندۈرۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى چىلان بىلەن ياڭاقنى ئاساس قىلغان باغۋەنچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قارىتىپ، باغ – ئورمان كۆلىمىنى يىلىغا 30 – 40مىڭ مولۇق سۈرئەت بىلەن كېڭەيتتى. مېۋە – چېۋە ھوسۇلىنى 2005 – يىلى 30 مىڭ توننىدىن، 2006 – يىلى 45 مىڭ توننىدىن، 2007 – يىلى 65 مىڭ توننىدىن ئاشۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ باغۋەنچىلىكتىن قىلغان ساپ كىرىمىنى 283يۈەنگە يەتكۈزدى، بۇ بۇلتۇرقى كىشى بېشى كىرىمىنىڭ %6.2ىنى ئىگىلىدى. ھازىر ناھىيە بويىچە ئومۇمىي باغ كۆلىمى 295 مىڭ مودىن، مېۋە بېرىشكە باشلىغان كۆلەم 95 مىڭ مودىن كۆپرەككە يەتتى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ