باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
‹‹پەرۋاز›› ژۇرنىلى مەملىكەت بويىچە ئۆسمۈرلەرگە تەۋسىيە قىلىنغان 101 مۇنەۋۋەر گېزىت–ژۇرنال قاتارىدىن ئورۇن ئالدى
2008- 06- 24 18:19 شىنجاڭ گېزىتى

   ‹‹ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى››گە پائال ماسلىشىش ئۈچۈن، ئاخبارات –  نەشرىيات باش مەھكىمىسى يېقىندا پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئۆسمۈرلەرگە 101 خىل گېزىت – ژۇرنالنى تەۋسىيە قىلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىن شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى نەشر قىلىۋاتقان ‹‹پەرۋاز›› ژۇرنىلى تەۋسىيە قىلىنغان گېزىت –  ژۇرناللار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

   بۇ پائالىيەت 2 – ئايدا باشلانغان بولۇپ، پائالىيەتكە قاتناشتۇرۇلغان گېزىت – ژۇرناللارنى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات – نەشرىيات ئىدارىلىرى، مۇناسىۋەتلىك مىنىستىرلىك، كومىتېتلار، ئالاقىدار خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ گېزىت – ژۇرناللارنى باشقۇرغۇچى تارماقلىرى تەۋسىيە قىلغان. دۆلەت ئاخبارات – نەشرىيات باش مەھكىمىسىنىڭ گېزىت – ژۇرناللارنى باشقۇرۇش مەھكىمىسى بالىلار تەربىيىسى مۇتەخەسسىسلىرى، نەشرىيات ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق زاتلار ۋە ئۆسمۈر ئوقۇرمەنلەردىن باھالاش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، ئىنچىكە، ئادىل باھالاش ئارقىلىق، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئوقۇشىغا ‹‹پەرۋاز›› ژۇرنىلى قاتارلىق 74 خىل ژۇرنالنى، ‹‹جۇڭگو ئۆسمۈرلىرى گېزىتى›› قاتارلىق 27 خىل گېزىتنى تەۋسىيە قىلدى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ