باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئۈرۈمچى خەۋەرلىرى
ئۈرۈمچى شەھىرىدە تاۋار ئۆي سېتىش يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى
2008- 06- 24 18:08 شىنجاڭ گېزىتى

   ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئۆي –  زېمىن ئىدارىسى سودا مەركىزى 5 – ئىيۇن ئېلان قىلغان ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئۆي – زېمىن بازىرىنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا: بۇ يىل 1 – ئايدىن 5 – ئايغىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدە جەمئىي پۈتۈشكەن تاۋار ئۆي كۆلىمى 1مىليون 441مىڭ 500كۋادرات مېتىر بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى 883مىڭ 200 كۋادرات مېتىر پۈتۈشكەن كۆلەمدىكىدىن %63.21 ئاشقان. 5 – ئايدا  پۈتۈشكەن تاۋار ئۆي كۆلىمى 542مىڭ 100 كۋادرات مېتىر بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى 146 مىڭ 300 كۋادرات مېتىر پۈتۈشكەن كۆلەمدىكىدىن %270 ئاشقان.

   شۇنىڭ بىلەن بىللە، ستاتىستىكا قىلىنغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 5 – ئايدا ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تاۋار ئۆيلەرنىڭ ئايلىق تەستىقلانغان ئالدىن سېتىش كۆلىمى 262مىڭ 400كۋادرات مېتىر بولۇپ، 4 – ئايدىكى ئايلىق تەستىقلانغان ئالدىن سېتىش كۆلىمى 144مىڭ 400كۋادرات مېتىردىن %84.48 ئاشقان؛ تاۋار ئۆينىڭ ئايلىق تەستىقلانغان ئالدىن سېتىش كۆلىمى 246مىڭ كۋادرات مېتىر بولۇپ، 4 – ئايدىكى ئايلىق تەستىقلانغان ئالدىن سېتىش كۆلىمى 122مىڭ 100كۋادرات مېتىردىن %101.47 ئاشقان. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئۆي – زېمىن ئىدارىسى سودا مەركىزىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل كىشى مۇنداق دېدى: ستاتىستىكا قىلىنغان سانلىق مەلۇماتتىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، 2008 – يىللىق تاۋار ئۆيلەرنى سېتىش يۇقىرى دولقۇنى يېتىپ كەلدى.

   ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھازىر ئۆي  –  زېمىن بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك ئىكەن.  1 – ئايدىن 5 – ئايغىچە سېتىشقا بولىدىغان تاۋار ئۆي كۆلىمى 6مىليون 712مىڭ 700كۋادرات مېتىر بولۇپ، بازار ئېھتىياجى بويىچە ھېسابلىغاندا، جەمئىي سېتىشقا بولىدىغان كۆلەم بازارنىڭ 4.38 ئاي سېتىشىغا يېتىدىكەن. شۇنداق بولغانلىقتىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئۆي – زېمىن ئىدارىسى سودا مەركىزىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل: ئۆي سېتىۋېلىش پىلانى بار كىشىلەر ئۆيلەرنى  تاللاپ سېتىۋالسا بولىدۇ، دەپ ئەسكەرتتى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ