باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئۈرۈمچى خەۋەرلىرى
ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يېڭى سېلىنغان تۇرالغۇلار بىرمۇ بىر تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنىدۇ
2008- 06- 24 18:07 شىنجاڭ گېزىتى

   ئۈرۈمچى شەھىرىدە 1 – ئىيۇلدىن باشلاپ، يېڭىدىن پۈتكەن تۇرالغۇلارنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.

   11 – ئىيۇن ئۈرۈمچى شەھەرلىك قۇرۇلۇش كومىتېتىدىن ئىگىلىشىمچە، ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرىدە كۆپلىگەن تۇرالغۇ پۈتۈش ئالدىدا تۇرۇۋېتىپتۇ، ھەر قايسى سۇبيېكتلارنىڭ سۈپەت مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، تۇرالغۇ قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش تۈزۈمىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، قۇرۇلۇش – بىناكارلىق سۈپىتىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت يېڭىدىن ‹‹ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تۇرالغۇ قۇرۇلۇشلىرىنى ئائىلە بويىچە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشنى باشقۇرۇش چارىسى›› نى تارقاتقان.

   ‹‹چارە›› دە مۇنداق بەلگىلەندى: بۇنىڭدىن كېيىن يېڭىدىن پۈتكەن تۇرالغۇلارغا قارىتا قۇرۇلۇش قىلدۇرغان ئورۇن جەزمەن ئائىلە بويىچە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، ئۆينىڭ سۈپىتىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشى كېرەك. بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا ھەر خىل دائىملىق تەكشۈرۈپ ئۆلچەش ئەسۋابى بىلەن ئىنفرا قىزىل نۇرىلىق ئارىلىق ئۆلچەش ئەسۋابى قاتارلىق تەكشۈرۈش ئەسۋابلىرى تولۇق تەييارلىنىشى، تەكشۈرۈپ ئۆلچەش ئەسۋابلىرى جەزمەن ئۆلچەپ باھالاشتا لاياقەتلىك بولۇشى كېرەك. بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش گۇرۇپپىسى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن، ‹‹تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشنى خاتىرىلەش جەدۋېلى›› نى ئەستايىدىل تولدۇرۇشى، ھەر بىر ئەزا تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش خاتىرىسىگە ئىمزا قويۇپ، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش نەتىجىسىنى دەلىللىشى كېرەك.

   بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن، قۇرۇلۇش پۈتۈپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتىن يەتتە خىزمەت كۈندىن بۇرۇن، قۇرۇلۇش قىلغان ئورۇن بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش نەتىجىسىنى قۇرۇلۇش سۈپىتىنى نازارەت قىلىش ئاپپاراتىنىڭ تەكشۈرۈشىگە سۇنۇشى ھەم ئۇنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشنى جەملەش ئەھۋالى بىلەن بىرگە سۈپەت نازارەتچىلىكى ئاپپاراتىغا يوللىشى كېرەك. قۇرۇلۇش سۈپىتىنى نازارەت قىلىش ئاپپاراتى تەكشۈرگەن كۆپ قەۋەتلىك تۇرالغۇدىكى ئۆي سانى ئومۇمىي ئۆي سانىنىڭ %5ىدىن كەم بولماسلىقى؛ ئېگىز تۇرالغۇدىكى ئۆي سانى %3 تىن كەم بولماسلىقى، تەكشۈرۈش نەتىجىسى تەلەپكە ئۇيغۇن كەلمىسە، قۇرۇلۇش قىلغان ئورۇننى تۈزىتىشكە بۇيرۇشى كېرەك.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ