باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
روسىيە ‹‹ش ئا ئە ت نىڭ ئېنېرگىيىدە ئۆزىنى تەمىنلىشى››دىن قورقمايدۇ
2008- 06- 24 18:05 شىنجاڭ گېزىتى

   روسىيە تەبىئىي گاز سانائىتى شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ئالېكسېي مىللېر گېرمانىيىدە: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ‹‹ش ئا ئە ت ئېنېرگىيىدە ئۆزىنى تەمىنلەش››نى تەشەببۇس قىلغانلىقى ناھايىتى خەتەرلىك. بۇ ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشنى سىياسىيلاشتۇرۇپ قويىدۇ، دېدى. ئەمما بەزى روسىيە مۇتەخەسسىسلىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەكلىپىدىن ئەنسىرىمىدى، ئۇلار روسىيە ھازىر سەئۇدىي ئەرەبىستانىدىن ئېشىپ دۇنيادىكى 1 – چوڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش دۆلىتى بولۇپ قالدى، ياۋروپا دۆلەتلىرى ئېنېرگىيىدە بەرىبىر روسىيىدىن ئايرىلالمايدۇ، دەپ قارىدى.

   روسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 11 – ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، مىللېر گېرمانىيىنىڭ لېيپزىگ شەھىرىدە روسىيىنىڭ مەزكۇر شەھەرنى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەنگەنلىكىنىڭ 35 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشتە مەن ھەمكارلىشىش بىلەن خەلقئارا بىرگەۋدىلىشىشنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىغا ئىشىنىمەن. ئۆزىنى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن سودا قورۇقچىلىقىنى يولغا قويۇشقا بولمايدۇ. مېنىڭ ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنىم يېقىندا گېرمانىيىدە بەزى كىشىلەرنىڭ ‹‹ش ئا ئە ت نىڭ ئېنېرگىيىدە ئۆزىنى تەمىنلىشى›› تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى. ھازىر پۈتكۈل دۇنيادا ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلىگۈچى دۆلەتلەر بىلەن ئىستېمال قىلغۇچى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا تايىنىش دەرىجىسى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە. روسىيە تەبىئىي گاز سانائىتى شىركىتى ياۋروپا قىتئەسىنى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەيدىغان ئەڭ چوڭ شىركەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ياۋروپا قىتئەسىنى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشنىڭ راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ كەلدى، 2007 – يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقىنى 150 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلىدى.

   ‹‹ش ئا ئە ت نىڭ ئېنېرگىيىدە ئۆزىنى تەمىنلىشى›› تەشەببۇسىنى پولشا زۇڭتۇڭى ئەڭ ئاۋۋال ئوتتۇرىغا قويغان، بۇنىڭدىكى مەقسەت ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ روسىيە ئېنېرگىيىسىگە بولغان بېقىنىشىنى ئازايتىش.

   ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى مەسىلىسىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ش ئا ئە ت باشلىقلار يىغىنى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش جەريانىدىكى يوشۇرۇن خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا مۇزاكىرىلەشتى، ھەتتا ش ئا ئە ت ئارمىيىسىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ياۋروپا قىتئەسىنى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەيدىغان مۇھىم تۇرۇبىلارنى قوغداش ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

   روسىيىلىك تەھلىلچىلەر ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹ش ئا ئە ت نىڭ ئېنېرگىيىدە ئۆزىنى تەمىنلەش›› تەشەببۇسىغا پەرۋا قىلمىدى. ئۇلار ياۋروپادىكى دۆلەتلەرنىڭ بۇ مەسىلىدە ئۆزئارا ئىتتىپاقلىشالىشىغا ئىشەنمەيدىكەن. ياۋروپا قىتئەسىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىغان كۆپرەك مەنبەنى ئىزدەش ئەڭ ئەمەلىي تاللاش ھېسابلىنىدۇ. روسىيە ئىقتىساد ۋە ئېنېرگىيە مەسىلىسى تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى كوۋاكوۋ مۇنداق دېدى: ياۋروپا بىلەن روسىيە ئارىسىدا ئېنېرگىيە مەسىلىسى جەھەتتە ئىختىلاپ مەۋجۇت بولسىمۇ، كېلىشتۈرۈشكە بولىدۇ. ياۋروپا قىتئەسىنىڭ روسىيىنىڭ ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلىشىگە تايىنىش ئەھۋالىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆزگەرتىش ناھايىتى قىيىن، شۇنداقلا روسىيىنىڭ ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە چىقىرىش نىشانىمۇ دەل ياۋروپا قىتئەسى. بۇ ئىستېمال بازىرىدىن ئايرىلىپ قېلىش روسىيىنىڭ غايەت زور سوممىلىق ‹‹نېفىت دوللىرى››دىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، شۇڭا ياۋروپا بىلەن روسىيە ئارىسىدا يەنىلا ئۆزئارا مۇرەسسەلىشىش ئىمكانىيىتى مەۋجۇت.

   روسىيە زۇڭتۇڭى يەنە دەلمۇ دەل تاقابىل تۇرىدىغان يېڭى ياۋروپا بىخەتەرلىكى سىستېمىسىنى تەسىس قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مېدۋېدېۋ 11 – ئىيۇن دۇنيا رۇس تىلىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى يىغىنىدا: يالغۇز ش ئا ئە ت غا تايىنىش ئارقىلىق سوغۇق ئۇرۇشتىن كېيىنكى ياۋروپا دۇچ كېلىدىغان رىقابەتكە تاقابىل تۇرغىلى بولمايدۇ. ش ئا ئە ت ‹‹ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۇپا›› ئەمەس، ش ئا ئە ت ياۋروپانىڭ بارلىق بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلالمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن يېڭىدىن پۈتكۈل ياۋروپا كېلىشىمى تەييارلاپ، بارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىنى ئۇنىڭغا كىرگۈزۈشىمىز كېرەك. روسىيە ئىمپېرىيە كەيپىياتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغىنى يوق، بەلكى روسىيىنىڭ ئىقتىدارى ۋە مۇناسىپ بايلىقى بار، دېدى. تەھلىلچىلەر: بۇ روسىيىنىڭ ش ئا ئە ت نىڭ ھەيۋىسىگە قارىتا ئوتتۇرىغا قويغان تەشەببۇسى، دېدى.

‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى››دىن

 


( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ