|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ خەۋىرى. يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكىنىڭ ئەڭ يېڭى ستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ھازىر مەملىكەت بويىچە %85 ئەتراپىدىكى بۇغداي يىغىۋېلىنغان، كەڭ كۆلەملىك بۇغداي ئورمىسى ئاخىرقى مەزگىلگە كىرگەن، ماشىنا بىلەن ئورۇش سۈرئىتى ئاستىلىغان. يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى يېقىندا مۇنداق دېدى: يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش مۇقىملاشتى، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۇدا بەش يىل ھوسۇلنى ئاشۇرۇشتىن ئۈمىد بار، بۇ، بۇ يىلقى يازلىق ئاشلىق ئومۇمىي ھوسۇلىنىڭ 2007 – يىلىدىكى 230 مىليارد 680 مىليون جىڭدىن ئاشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
مەملىكەت بويىچە بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئەڭ چوڭ ئۆلكە خېنەندە 78 مىليون 900 مىڭ مو يەردىكى بۇغداي ئورۇۋېلىندى. ئۆلكە دائىرىسىدىكى كەڭ كۆلەمدە ماشىنا بىلەن ئورۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى. يەرلىك يېزا ئىگىلىك تارماقلىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ يىل خېنەننىڭ بۇغداي ئومۇمىي ھوسۇلى 61مىليارد جىڭغا يېقىنلىشىپ، ئۆتكەن يىلدىكىدىن 1مىليارد 500 مىليون جىڭدىن كۆپرەك ئاشىدىكەن، بىرلىك ھوسۇلىمۇ ئۆتكەن يىلىدىكىدىن 762جىڭ ئاشىدىكەن.
مەملىكەت بويىچە ئاساسلىق بۇغداي ئىشلەپ چىقىرىدىغان ئىككىنچى چوڭ ئۆلكە شەندۇڭدىمۇ بۇ يىل يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىنىپ، ئومۇمىي ھوسۇل 39مىليارد 400مىليون جىڭغا يېتىپ، مەھسۇلات 1مىليارد 900مىليون جىڭ ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى. مەملىكىتىمىزدىكى يەنە بىر دېھقانچىلىق چوڭ ئۆلكىسى ئەنخۇيدە بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇلى، ئومۇمىي ھوسۇلى ۋە ئەلا سۈپەتلىك بولۇش نىسبىتى جەھەتتە ئۆتكەن يىل تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان ئاساستا يەنە رېكورت يارىتىلدى. ئۆلكە بويىچە 33 مىليون مو يەردىكى بۇغداينىڭ ئوتتۇرىچە مو بېشى ھوسۇلى 670 جىڭدىن ئېشىپ، بۇلتۇرقىدىن 30 جىڭ كۆپەيدى؛ بۇغداينىڭ ئومۇمىي ھوسۇلى ئالدىنقى يىلدىكىدىن 1 مىليارد 150 مىليون جىڭ ئېشىپ، %5.5 كۆپەيدى.
ئۇلاردىن باشقا، جياڭسۇ، سەنشى، شەنشى قاتارلىق ئۆلكىلەردىمۇ ئورما ئاياغلىشاي دەپ قالدى. ھازىر بۇغداي ئورۇشتىكى ئاساسلىق جەڭ بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېيغا مەركەزلەشتى. ھەر دەرىجىلىك دېھقانچىلىق ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇش تارماقلىرى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش، ئىنچىكىلەپ مۇلازىمەت قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كومبايىنلارنى تەرتىپلىك يۆتكەپ، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، قالغان رايونلارنىڭ ئورمىسىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. نېفىت خىمىيە قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار بايلىق بىلەن تەمىنلەشنى كۈچەيتىپ، ماي قاچىلاش نۇقتىلىرىنى كۆپەيتىپ، ماشىنا بىلەن مەشغۇلات قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، تېرىقچىلىق مەزگىلىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.
يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى سۈن جېڭسەي يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن خىزمەت يىغىنىدا مۇنداق دېدى: يازلىق ئاشلىقتىن يەنە ھوسۇل ئېلىنغانلىقى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى يەنە بىر يارقىن نۇقتا بولۇپ قالدى. بۇ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپلا قالماي، ئېلىمىزنىڭ خەلقئارادا ئاشلىق باھاسى زور دەرىجىدە ئۆسۈۋاتقان ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇشىنى ماددىي كاپالەتكە ئىگە قىلدى، شۇنداقلا بۇ يىل يېزا ئىگىلىكى ۋە ئاشلىقتىن ياخشى ھوسۇل ئېلىش ئىشەنچىمىزنى ئاشۇردى.
|