|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 22 – ئىيۇن تېلېگراممىسى. دۇنيا بويىچە تۇنجى خەنزۇ – زاڭزۇ بۇدداشۇناسلىق تەتقىقات مەركىزى 22 – ئىيۇن جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىدا قۇرۇلدى. جۇڭگو زاڭزۇشۇناسلىق تەتقىقات مەركىزى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، جۇڭگو بۇددا دىنى جەمئىيىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى، مۇتەخەسسىس، ئالىملار ۋە دىنىي زاتلاردىن بولۇپ 40 نەچچە كىشى قۇرۇلۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى جى باۋچېڭ يىغىندا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: خەنزۇ – زاڭزۇ بۇدداشۇناسلىق تەتقىقات مەركىزىنىڭ قۇرۇلغانلىقى –––جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دەۋر ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىغا يېقىندىن ئەگىشىپ، كونا ‹‹دۆلەت ئىلمى››نىڭ دائىرىسىدىن ھالقىپ يېڭىلىق يارىتىشچان چوڭ ‹‹دۆلەت ئىلمى›› ئىدىيىسىنى شەكىللەندۈرگەنلىكىنىڭ ھەم شۇ ئاساستا پائال ئىزدەنگەنلىكىنىڭ، ئۇنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى.
قۇرۇلۇش مۇراسىمىدا دۇنيا بويىچە داڭلىق بۇدداشۇناس تەن شىيۇڭ، جۇڭگو زاڭزۇشۇناسلىق تەتقىقات مەركىزىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى لاباپىڭسو، جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى جى باۋچېڭ، جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى دۆلەت ئىلمى ئىنستىتۇتىنىڭ پەخرىي مۇدىرى فېڭ چىيۇڭ بىرلىكتە خەنزۇ – زاڭزۇ بۇدداشۇناسلىق تەتقىقات مەركىزىنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى.
|