|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، لەنجۇ، 22 – ئىيۇن تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ 20 – ئىيۇندىن 22 – ئىيۇنغىچە ۋېنچۇەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان شەنشى، گەنسۇدىكى ئاپەت يۈز بەرگەن رايونلارغا بېرىپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى تەكشۈردى، كادىرلار ۋە ئاممىنى يوقلىدى. ئۇ تەكتىلەپ مۇنداق دېدى: ئاپەت يۈز بەرگەن رايوندىكى كادىرلار ۋە ئامما ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش روھىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىككى قولىغا تايىنىپ يۇرت – ماكانىنى قايتا قۇرۇشى كېرەك.
كۈچلۈك يەر تەۋرەشتە شەنشى، گەنسۇ ۋە شەنشى ئۆلكىسىنىڭ سىچۇەن بىلەن چېگرىلىنىدىغان لوياڭ ناھىيىسىنىڭ ئاپەتكە ئۇچراش ئەھۋالى ئېغىر بولغان. 20 – ئىيۇن چۈشتىن كېيىن ۋېن جياباۋ يولنىڭ يىراقلىقىغا قارىماي بەيشۇيجياڭ بازىرىنىڭ چۇەنلىي كەنتىگە كەلدى. كەنتتىكى ئۆيلەرنىڭ ھەممىسى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بولۇپ، كەنتتىكىلەر چېدىرلارغا كۆچۈپ كىرگەنىدى. ئاممىنىڭ تەرتىپلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى، ئېتىزدىكى بۇغدايلارنىڭ ئورۇلۇپ بولغانلىقىنى، كەنتتىكىلەر بىلەن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا قاتنىشىۋاتقان ئازادلىق ئارمىيە كوماندىر – جەڭچىلىرىنىڭ يېڭىدىن تاللانغان يەرنى تۈزلەپ، يۇرت – ماكانىنى قايتىدىن قۇرۇشقا تەييارلانغانلىقىنى كۆرگەن ۋېن جياباۋ ئىنتايىن خۇشال بولدى. ئۇ كۆپچىلىكنى روھىنى ئۇرغۇتۇپ، يەنە بىر پەسىل سېرىق پۇرچاق تېرىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە، ئۆي سېلىشقا رىغبەتلەندۈردى.
ۋېن جياباۋ لوياڭ ناھىيىلىك 2 – ئوتتۇرا مەكتەپكە كېلىپ، قۇراشتۇرۇلغان سىنىپتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى يوقلىدى. ئۇ بالىلارنى رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرۇپ: جاپا – مۇشەققەت بىزنى تېخىمۇ يېتىلدۈرىدۇ، تىرىشىڭلار، چوڭ بولغاندا يۇرت – ماكانىڭلارنى قۇرۇپ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇڭلار، دېدى.
گەنسۇدىكى لوڭنەن بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان رايون. ۋېن جياباۋ 21 – ئىيۇن ئاپتوموبىللىق يەتتە سائەتتىن ئارتۇق يول يۈرۈپ، تاغ ئارىسىدىكى كاڭشيەن ناھىيە لوجېن بازىرىنىڭ گۇەنگۇ كەنتى، دۇپىڭ يېزىسىنىڭ دۇپىڭ كەنتى ۋە چېڭشيەن ناھىيە خۇاڭچېن بازىرىنىڭ ۋېيزىگۇ كەنتىگە باردى. بۇ ئۈچ كەنت يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان بولۇپ، كەنت ئاھالىسىنىڭ كېسەك ئۆيلىرى ئاساسەن ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن، گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىشلىرىنى جىددىي ئورۇنلاشتۇرغانىدى. كەنتتىكىلەرنىڭ تۇرمۇشىنىڭ كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، قايتا قۇرۇش خىزمىتىنىڭ جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ۋېن جياباۋ ئىنتايىن خۇشال بولدى. ئۇ ئۆزى بىلەن بىللە ھەمراھ بولۇپ بارغان ھەر دەرىجىلىك كادىرلارغا: گەنسۇدا ئاپەتكە ئۇچرىغان جايلار كۆپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى چوقۇم ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك، دېدى.
ۋېن جياباۋ تەكشۈرۈش جەريانىدا شەنشى، گەنسۇ ئۆلكىلىرىنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى ھەم شەنشى، گەنسۇ ئۆلكىلىرىنىڭ ئاممىنى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن تەشكىللىگەنلىكىنى ۋە سەپەرۋەر قىلغانلىقىنى، ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق ئۆزىنى قۇتقۇزۇش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇرغانلىقىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ كېيىنكى قەدەمدىكى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە مۇنداق تۆت تۈرلۈك تەلەپنى قويدى:
بىرىنچىدىن، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، ئاپەت يۈز بەرگەن رايوندا كەڭ كۆلەملىك يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلمەسلىكى ئۈچۈن تىرىشىش كېرەك. ئىككى ئۆلكىنىڭ يەنە ئىككى ئاي تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى ئاساسىي جەھەتتىن نورماللاشتۇرۇپ، خىزمەتلەرنىڭ تەرتىپىلىك ئىشلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ئىككىنچىدىن، ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى تېزدىن قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئىككى يىلغىچە ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. شەنشى، گەنسۇ ئۆلكىلىرىدە يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئاساسلىقى دېھقانلارنىڭ ئۆيى ۋەيران بولغان بولۇپ، ۋەيران بولغان ئۆيلەرنى رېمونت قىلىش ۋە قايتا سېلىش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش قايتا قۇرۇش خىزمىتىدىكى ئاساسلىق ۋەزىپە.
ئۈچىنچىدىن، ‹‹ئىككى قولدا تۇتۇش›› تا چىڭ تۇرۇش كېرەك. بىر قولدا يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇش، يەنە بىر قولدا ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە تەرەققىياتنى تېزلىتىش پۈتكۈل مەملىكەت خەلقى ئۈچۈنمۇ ئىلھامدۇر.
تۆتىنچىدىن، قالدۇق يەر تەۋرەش ۋە ئىككىلەمچى ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. كۆزىتىشنى كۈچەيتىپ، قالدۇق يەر تەۋرەش ۋە تاغ جىسىمى گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش، تاش – شېغىللىق ئېقىن قاتارلىق ئىككىلەمچى ئاپەتلەردىن مۇداپىئەلىنىش كېرەك.
دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە گوۋۇيۈەننىڭ باش كاتىپى ما كەي تەكشۈرۈشتە بىللە بولدى.
|