باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
120مىڭ نامراتلار ئائىلىسىگە تېلېۋىزور ھەدىيە قىلىندى
2008- 06- 24 17:57 شىنجاڭ گېزىتى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، يىڭچۇەن خەۋىرى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى، دۆلەت رادىئو – كىنو – تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى يېقىندا نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى ۋۇجۇڭ شەھىرىنىڭ تۇڭشىن ناھىيىسىدە  ھەدىيە قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، غەربىي رايوندىكى ۋە چېگراغا جايلاشقان ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدىكى نامرات ئاممىغا تېلېۋىزور ھەدىيە قىلدى.

   ھەدىيە قىلىش مۇراسىمىدا، تۇڭشىن ناھىيىسىنىڭ دىڭتاڭ بازىرى شىنخۇا كەنتىدىكى ما جەنۋېن (خۇيزۇ) تۇڭشىن ناھىيىسىدىكى 600 ئائىلىلىك كىشى ئۈچۈن ھەدىيە قىلىنغان تېلېۋىزورلارنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ناھايىتى ھاياجانلانغان ھالدا: ‹‹بىزدەك تاغلىق رايوندا ياشايدىغانلارنىڭ ئىلگىرى ئىچكىدەك سۈيى، كۆرگىدەك تېلېۋىزورى يوق ئىدى، بىزنى سۇ بار جايغا كۆچۈرگەن، بىزگە رەڭلىك تېلېۋىزور ھەدىيە قىلغان پارتىيىگە، ھۆكۈمەتكە رەھمەت، ئەمدى بىز ئۆيىمىزدىكى كاڭدا ئولتۇرۇپ ئو ت م نى كۆرەلەيدىغان، تاشقى دۇنيانى چۈشىنەلەيدىغان، بېيىش ماھارىتىنى ئۆگىنەلەيدىغان بولدۇق، بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشىمىز كۆڭۈللۈك ئۆتىدىغان بولدى››، دېدى.

   غەربىي رايوندىكى ۋە چېگراغا جايلاشقان ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدىكى نامرات ئاممىنىڭ تېلېۋىزور كۆرۈشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ئۇلارنى بېيجىڭدىكى ئو ت م نى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى، دۆلەت رادىئو – كىنو – تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى بۇ يىل ‹‹تېلېۋىزورنى 10 مىڭ ئائىلىگە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى››نى داۋاملىق يولغا قويۇپ، غەربىي رايوندىكى نامرات ئائىلىلەرگە 120 مىڭ رەڭلىك تېلېۋىزور ھەدىيە قىلدى، بۇلارنىڭ 30 مىڭى شىنجاڭغا، 20 مىڭى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىگە، 30 مىڭى شىزاڭغا، 20 مىڭى چىڭخەيگە، گۇاڭشى بىلەن نىڭشياغا 10 مىڭدىن ھەدىيە قىلىندى.

   ‹‹تېلېۋىزورنى 10 مىڭ ئائىلىگە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى›› 2004 – يىلى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئەمەلىيەتكە، تۇرمۇشقا، ئاممىغا يېقىنلىشىشتا ۋە ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال ئەھۋاللاردىن باشلاپ قول سېلىنىپ، شىنجاڭ، شىزاڭ قاتارلىق 19 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىگە جەمئىي 465 مىڭ رەڭلىك تېلېۋىزور ھەدىيە قىلىندى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ