|
. خەلقئارا ئېنېرگىيە يىغىنى 22 – ئىيۇن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جىددە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. سەئۇدى ئەرەبىستانىدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان جۇڭگونىڭ مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەكلىپكە بىنائەن جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ يىغىنغا قاتناشتى ھەم جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى خەلقئارا ئېنېرگىيە مەسىلىسى توغرىسىدىكى قارىشى، جۇڭگونىڭ ئېنېرگىيە سىياسىتى ۋە خەلقئارا ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى توغرىسىدىكى تەشەببۇسىنى ئومۇميۈزلۈك شەرھلىدى.
. ئىراننىڭ ئىقتىساد مىنىستىرى ھۈسەيىن سامسانى 22 – ئىيۇن: ئىران يېڭى ئىقتىسادىي جازادىن ئەنسىرەپ، ياۋروپا بانكىلىرىدىكى مەبلىغىنى قايتۇرۇۋېلىۋاتىدۇ، دېگەن خەۋەر يالغان، دېدى. ئۇ يەنە ئىران دۇنيا بويىچە تۆتىنچى چوڭ نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەت بولغاچقا، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى ھازىرغا قەدەر يۈرگۈزۈۋاتقان ئىقتىسادىي جازانىڭ ئىران ئىقتىسادىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
. 22 – ئىيۇن ئېلان قىلىنغان ئەڭ يېڭى خەلق رايىنى سىناش نەتىجىسىگە قارىغاندا، ئامېرىكىدىكى ئاق تەنلىكلەر بىلەن نېگىرلارنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتىنى تاللاش مەسىلىسىدىكى ئىرقىي ئايرىمچىلىق خاھىشى ئىنتايىن روشەن ئىكەن، ئىرقىي ئامىل سايلىغۇچىلارنىڭ ئاۋاز بېرىش خاھىشىغا يەنىلا چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىكەن.
. چاۋشيەن مەركىزىي ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 23 – ئىيۇندىكى خەۋىرىدە: چاۋشيەن – ياپونىيە مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرۇش، ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئارزۇسى ۋە مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، چاۋشيەن بىلەن ياپونىيىنىڭ ئۇزاققا سوزۇلغان بىنورمال مۇناسىۋىتى ئىككىلا تەرەپكە پايدىسىز، دېيىلدى.
. ئىران ئاخبارات تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىران دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى نەزەر 22 – ئىيۇن: ئىسرائىلىيىنىڭ ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈپ، ئىراننىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەرمەكچى بولۇۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر پۈتۈنلەي ‹‹پىسخىكا ئۇرۇشى››، ئىران ھەر قانداق ھەربىي زەربىگە ‹‹چەكسىز›› جاۋاب قايتۇرىدۇ، دېگەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى
|