باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
‹‹جەلپكار شىنجاڭ - مىڭ چاقىرىملىق سەپەر›› پائالىيىتى باشلىنىدۇ
2008- 06- 24 17:54 شىنجاڭ گېزىتى

   مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، گۇاڭدۇڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق 25 ئاخبارات ۋاسىتىسىنىڭ مۇخبىرلىرى 7 – ئاينىڭ 3 – كۈنىدىن باشلاپ شىنجاڭنىڭ ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىدا 11 كۈنلۈك زىيارەتتە بولىدۇ.

   2008 – يىللىق ‹‹جەلپكار شىنجاڭ  مىڭ چاقىرىملىق سەپەر›› چوڭ تىپتىكى زىيارەت پائالىيىتىنى  ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى بىلەن ‹‹جۇڭگو ساياھەت گېزىتى›› بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، ‹‹جەلپكار شىنجاڭ  مىڭ چاقىرىملىق سەپەر›› پائالىيىتىگە دۆلىتىمىزدىكى 25ئاساسلىق ئاخبارات ۋاسىتىسىنىڭ 50 نەچچە مۇخبىرى تەكلىپ قىلىنغان. ئۇلار ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىپ سانجى، قاراماي، غۇلجا، تۇرپان، نارات قاتارلىق ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىدا زىيارەتتە بولىدۇ.

    ئىگىلىنىشچە، ‹‹جەلپكار شىنجاڭ  مىڭ چاقىرىملىق سەپەر›› چوڭ تىپتىكى زىيارەت پائالىيىتى 2004 – يىلىدىن ئېتىبارەن باشلانغان، ئالدىنقى ئۈچ قېتىملىق پائالىيەت ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولغان بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەت بايلىق ئەۋزەللىكىنى تونۇشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىغان.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ