|
ئاپتونوم رايون 23 – ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن ماي، توك باھاسىنى تەڭشەش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش بويىچە تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى جايلار، تارماقلارنىڭ ماي، توك باھاسىنى تەڭشەش تەدبىرىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجرا قىلىپ ۋە ئەمەلىيلەشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، تەمىناتقا كاپالەتلىك قىلىش، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قىيىنچىلىقى بارلار ۋە جامائەت پاراۋانلىقى كەسىپلىرىنى كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، ئاپتونوم رايونىمىز خەلق ئىگىلىكىنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا، ئىجتىمائىي، سىياسىي ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
نۇر بەكرى مۇنداق تەكىتلىدى: باھا تەڭشەش سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىپ، جامائەت پاراۋانلىقى كەسپى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم گوۋۇيۈەننىڭ باھا تەڭشەش سىياسىتىدە ئۆستۈرۈش، تولۇقلىما بېرىش ھەم چەكلىمە بار. جايلار، تارماقلار چوقۇم سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشى، ئومۇمىيەتنى كۆزدە تۇتۇشى، مەسئۇلىيەت ئېڭى ۋە مەقسەت ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى، ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش يۈكسەكلىكىنى چىقىش قىلىپ، باھا تەڭشەش سىياسىتىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش بىلەن بىللە، بۇ قېتىمقى ماي باھاسىنى تەڭشەشكە ئالاقىدار تولۇقلىمىلارنى نەقلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلىشى كېرەك.
|