باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش،ئاشكارا سېتىۋېلىش،‹‹ئاقھۆججەت››بەرمەسلىك كېرەك
2008- 06- 24 17:42 شىنجاڭ گېزىتى

    ئاپتونوم رايوننىڭ شىمالىي شىنجاڭنىڭ يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى 20 – ئىيۇن ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ بۇغداي سېتىۋېلىش سىياسىتىنى تولۇق ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاشكارا سېتىۋېلىپ، ۋاقتىدا نەقلەشتۈرۈپ، ‹‹ئاق ھۆججەت››بەرمەي، يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش ۋەزىپىسىنىڭ تولۇق ئورۇندىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش تەكىتلەندى.

   سۆھبەت يىغىنىدا، ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلار، تارباغاتاي، ئالتاي، بورتالا، قاراماي، شىخەنزە، سانجى، ئۈرۈمچى، قۇمۇل، تۇرپان قاتارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك ئاشلىق ئىدارىلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ئۆز جايىنىڭ يازلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى، سېتىۋېلىش تەييارلىقى ئەھۋالى، شۇنداقلا ساقلانغان مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ سۆز قىلدى. يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر يەنە بۇ يىللىق يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش خىزمىتىنى قانداق قىلىپ ياخشى ئىشلەش مەسىلىسىنى ئەستايىدىل مۇزاكىرە قىلدى.

   ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى، ئاشلىق ھوسۇلىمۇ خېلى زور دەرىجىدە ئاشقان. ئاپتونوم رايون بۇ يىل 2 مىليون توننا بۇغداي سېتىۋېلىش پىلانىغا كاپالەتلىك قىلىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە يەرلىكتىكى ئاشلىق سېتىۋېلىش – سېتىش كارخانىلىرى ۋە جۇڭگو ئاشلىق زاپىسى گۇرۇھى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى 1 مىليون توننا ئاشلىق سېتىۋېلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايون بۇ يىللىق ئاشلىق سېتىۋېلىش سىياسىتىنى ئاللىبۇرۇن ئايدىڭلاشتۇرغان ھەم ئەڭ تۆۋەن پايدىلانما سېتىۋېلىش باھاسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ھەر كىلوگرام ئۆلچەملىك بۇغداينىڭ سېتىۋېلىش باھاسىنى 1.54 يۈەن قىلىپ بېكىتكەن.

   سۆھبەت يىغىنىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بازارغا كىرگەن بارلىق سېتىۋېلىش كارخانىلىرى ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشلىق سېتىۋېلىش سىياسىتى ۋە باھا سىياسىتىنى كەسكىن ئىجرا قىلىپ، دېھقانلارغا ئاشلىق پۇلىنى تولۇق نەقلەشتۈرۈشى، سۈپىتىگە قاراپ باھا قويۇش، دەرىجىسىنى، باھاسىنى چۈشۈرمەسلىك، ھەرقانداق ھەقنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ قالماسلىقى كېرەك. بازارغا كىرگەن ئاشلىق سېتىۋېلىش كارخانىلىرى ئاشلىق سېتىۋېلىش سىياسىتى، سېتىۋېلىش باھاسى، سۈپەت ئۆلچىمىنى ئېلان قىلىپ، ئاشلىق ئۆلچىمىنىڭ ئەۋرىشكىسىنى قويۇپ، ئاشلىق سېتىۋېلىش خىزمىتىنىڭ ئاشكارىلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، دېھقانلارنى ئالاقىدار ئىشلاردىن خەۋەردار قىلىشى كېرەك. سىياسىيغا، ئومۇمىيلىققا ئەھمىيەت بېرىش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئىدىيىۋى تونۇشنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاشلىق سېتىۋېلىش خىزمىتىنى ئاشلىق سىستېمىسىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى مەركىزىي خىزمىتى قىلىپ، يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە پۇختا ئاساس سېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ