|
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى 16 – ئىيۇن چۈشتىن كېيىن ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، ئاپەت ئەھۋالىنى ئۇقتۇرۇش قىلدى، ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىپ، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى جىددىي ئورۇنلاشتۇردى. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار، تارماقلار ئېغىر ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، ئۇزاققىچە تاقابىل تۇرۇش ئىدىيىسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تەدبىرنى كۈچەيتىپ، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى، مۇقىم، ياخشى ۋەزىيىتىنى قوغداش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى كېرەك.
بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدا كۆپ قېتىم ئۇدا كەڭ دائىرىلىك تەبىئىي ئاپەت يۈز بېرىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا ئېغىر زىيان سالدى، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ۋەزىيىتى ناھايىتى كەسكىنلەشتى. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ ۋەزىيىتى ناھايىتى كەسكىن بولۇۋاتىدۇ ۋە بولىدۇ. بۇ يىلقى كەلكۈن مەزگىلىدە شىمالىي شىنجاڭ رايونى، بولۇپمۇ تەڭرىتاغ ئەتراپىدا قارا يامغۇر يېغىپ كەلكۈن كېلىدىغانلىقى، جەنۇبىي شىنجاڭدا يۇقىرى تېمپېراتۇرا سەۋەبىدىن يىغىلىپ قالغان قارلار ئېرىشى سەۋەبلىك، شۇنداقلا قاتتىق يامغۇر تەسىرىدىن ئېغىر دەرىجىدە كەلكۈن كېلىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى. جايلار، تارماقلار ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئىدىيە، تونۇشتا بىرلىككە كېلىپ، رەھبەرلىكنى، تەشكىللەشنى چىڭ تۇتۇپ، تۈزۈم، تەدبىرلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ماددىي ئەشيانى نەقلەپ، خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلىشى كېرەك.
ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى چيەن جى يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ جايلار، تارماقلارنىڭ ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقى، تەخىرسىزلىكىنى تولۇق تونۇپ، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىدىكى ئاكتىپلىق ۋە تەشەببۇسكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى ۋە ئورمان، ئوتلاق ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇشنى؛ زىرائەت كېسىلى، ھاشارات زىيىنى ۋە ئېغىر ھايۋانات يۇقۇملۇق كېسىلىدىن مۇداپىئەلىنىش ھەم ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەشنى؛ ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى تەشكىللەشنى ۋە رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، بۇ خىزمەتنىڭ پۇختا، تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى خەن ليەنچىڭ يىغىنغا قاتناشتى.
ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتى، چارۋىچىلىق نازارىتى، سۇچىلىق نازارىتى ۋەكىللىرى ئايرىم – ئايرىم ھالدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇ يىلقى قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش، ئېغىر ھايۋانات يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەم ئۇنى تىزگىنلەش ۋە چېكەتكە، چاشقان ئاپىتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئۇقتۇرۇش قىلدى.
|