|
ئاپتونوم رايون 20 – ئىيۇن چۈشتىن كېيىن كىچىك تىپتىكى مېتال تاۋلاش كارخانىلىرىنى ئېنىقلاپ تەرتىپكە سېلىش خىزمىتى بويىچە تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، كىچىك تىپتىكى مېتال تاۋلاش كارخانىلىرىنى ئېنىقلاپ تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى ياڭ گاڭ يىغىندا جايلار، تارماقلارنىڭ دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ كەسىپ سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كىچىك تىپتىكى مېتال تاۋلاش كارخانىلىرىنى ئېنىقلاپ تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلىشىنى تەكىتلىدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كۈرەش مەخسۇت يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن لى جى، ۋاڭ يۇڭمىڭ، شۆھرەت زاكىر يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد – سودا كومىتېتى، دۆلەت زېمىن بايلىقى نازارىتى، مالىيە نازارىتى، ئۈرۈمچى – سانجى رايونىنىڭ مەسئۇللىرى ئۆز تارمىقىنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، كىچىك تىپتىكى مېتال تاۋلاش كارخانىلىرىنى ئېنىقلاپ تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا سۆز قىلدى.
ياڭ گاڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كىچىك تىپتىكى مېتال تاۋلاش كارخانىلىرىنى ئېنىقلاپ تەرتىپكە سېلىش ئىلمىي تەرەققىياتنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئايلاندۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنى تەۋرەنمەي يولغا قويۇش، مېتال تاۋلاش سانائىتىنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر. كىچىك تىپتىكى پار قازان، كىچىك تىپتىكى چىگىت ئايرىش، كىچىك تىپتىكى كوكس تاۋلاش كارخانىلىرىنىڭ تېخنولوگىيىسى قالاق، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى تۆۋەن، مەھسۇلات سۈپىتىدە مەسىلە كۆپرەك. ئەگەر قالاق مېتال تاۋلاش تۈرلىرىنى راۋاجلاندۇرۇۋەرسەك، مۇھىتقا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىپلا قالماي، بەلكى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغىمۇ ئېغىر تەسىر يەتكۈزىمىز. سۈپىتى ناچار بىر قىسىم مېتال مەھسۇلاتلىرى جەمئىيەتكە ئېقىپ كىرسە، نورمال بازار تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپلا قالماي، يەنە ئېغىر يوشۇرۇن خەۋپ شەكىللەندۈرۈپ، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالىدۇ.
ئۇ جايلار ۋە تارماقلاردىن مەسىلىنىڭ ئېغىرلىقى ۋە زىيىنىنى ئېنىق تونۇپ، ئومۇمىيەتنى نەزەردە تۇتۇپ ۋە سىياسىي يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، ھەقىقىي ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ، كىچىك تىپتىكى مېتال تاۋلاش كارخانىلىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئېنىقلاپ تەرتىپكە سېلىپ، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى قەتئىي ئىشتىن توختىتىپ ۋە شاللاپ، ئاپتونوم رايونىمىز مېتال تاۋلاش سانائىتىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.
|