|
خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئايرىۋاشلىنىش نىسبىتى بىر كۈن تۆۋەنلىگەندىن كىيىن، يەنە ئۆرلىدى. جۇڭگو تاشقى پىروۋوت سودا مەركىزىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، تۈنۈگۈن خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئايرىۋاشلىنىش ئارىلىق باھاسى 6 يۈەن 8 مو 7 پۇڭلۇق ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ، 6 يۈەن 8 مو 6 پۇڭ 7.6 لىلىق باھا بىلەن يەنە بىر قېتىم يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىپ، خەلق پۇلى قىممىتىنىڭ يەككە كۈندىكى ئۆرلەش دەرىجىسى 150 ئاساسىي نۇقتىغا يەتكەن. تۈنۈگۈن بانكىلار ئارا تاشقى پىروۋوت بازىرىدا، بىر ئامېرىكا دوللىرى 6 يۈەن 8 مو 6 پۇڭ 7.6 لىغا، بىر ياۋرو 10 يۈەن 7 مو 2 پۇڭ 6 لىغا، 100 ياپونىيە يىنى 6 يۈەن 3 مو 9 پۇڭ 8 لىغا، بىر شياڭگاڭ پۇلى 8 مو 7 پۇڭ 9 لىغا، بىر ئەنگىلىيە فوند سىتىرلىڭى 13 يۈەن 5 مو 6 پۇڭ 7 لىغا ئايرىۋاشلاندى.
|