|
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھۆسىيىن مەمىتىمىن خەۋىرى ، فوتوسى: يېڭىسار ناھىيىلىك مائارىپ ، پەن – تېخنىكا ئىدارىسى 6- ئاينىڭ 21- كۈنى ناھىيىلىك 3- ئوتتۇرا مەكتەپ ، ماڭشېن يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ماڭشېن يېزا باشلانغۇچ مەكتەپتە ناھىيە بويىچە ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ پاكلىق مەدەنىيتى ۋە قانۇن – تۈزۈم تەربىيسىنى دەرسخانىغا كىرگۈزۈش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان تەجىرىبە ئالماشتۇرۇش نەق مەيدان يىغىنى ئېچىپ ، بۇ ئۈچ مەكتەپنىڭ تەجىرىبىسىنى ناھىيە بويىچە كېڭەيتىپ ، باشقا ئورۇنلارنى ئۆگىنىشكە چاقىردى.


سۈرەتتە : نەق مەيدان يىغىنىغا قاتناشقان يولداشلار ماڭشېن يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ پاكلىق مەدەنىيىتى ۋە قانۇن – تۈزۈم تەربىيسىنى دەرسخانىغا كىرگۈزۈش جەھەتتىكى تەجىربىلىرنى كۆرمەكتە
|