|
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى ۋۇ باڭگو 23 – ئىيۇن چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا رۇمىنىيە كېڭەش پالاتاسىنىڭ باشلىقى ۋاكارويۈ بىلەن كۆرۈشتى. ۋۇ باڭگو مۇنداق دېدى: جۇڭگو- رۇمىنىيە ئىككى دۆلەت خەلقى ئەنئەنىۋىي، چوڭقۇر دوستلۇققا ئىگە. 2004–يىلى رەئىس خۇ جىنتاۋ رۇمىنىيىدە زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو– رۇمىنىيىنىڭ ئومۇميۈزلۈك دوستانە ھەمكارلىق–ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئورناتتى، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچقا قەدەم قويدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت يۇقىرى قاتلاملىدىكىلەرنىڭ ئۆزئارا بېرىش–كېلىشى كۆپەيدى، سىياسىيدا بىر–بىرىگە ئىشىنىشى كۈنسېرى كۈچەيدى. جۇڭگو تەرەپ رۇمىنىيىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان، تەيۋەن، شىزاڭ قاتارلىق مەسىلىلەردە جۇڭگو بىلەن بىر تەرەپتە تۇرۇپ قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ؛ جۇڭگو تەرەپ رۇمىنىيىنى جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋرۇپا رايونىدىكى مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھى قىلىپ، رۇمىنىيە بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، تېلېگراف، ئۇل مۇئەسسەسە، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەش قاتارلىق تەرەپلەردە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇشنى خالايدۇ.
|