|
مەملىكەتلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىلىرى باشلىقلىرى يىغىنى مۇشۇ ئاينىڭ 22– كۈنىدىن 23– كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي سىياسىي- قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ يۇڭكاڭ يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى ھەمدە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى ۋە باش شۇجى خۇ جىنتاۋنىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي- قانۇن خىزمىتىگە قاتناشقان ۋەكىللەر ۋە مەملىكەتلىك باش سودىيە، باش پروكۇراتورلار سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق سوت مەھكىمىلىرى خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئەدلىيە كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.
|