باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
شى جىنپىڭ قاتاردىكى رەسمىي زىيارىتىنى باشلىدى
2008- 06- 24 11:42 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

      قاتار ۋەلىئەھدى تەمىمنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ 23 – ئىيۇن چۈشتىن كېيىن دوھاغا يېتىپ بېرىپ، قاتاردىكى رەسمىي زىيارىتىنى باشلىدى. ۋەلىئەھدى تەمىم ئايرودرومغا چىقىپ شى جىنپىڭنى كۈتۈۋالدى ھەمدە قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. شى جىنپىڭ ۋەلىئەھدى تەمىمنىڭ ھەمراھلىقىدا قاتار ئارمىيىسىنىڭ ھۆرمەت قاراۋۇلىنى كۆزدىن كۆچۈردى. شى جىنپىڭ ئايرودرومدا يازما سۆز قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو– قاتار ئىككى دۆلەت 1988–يىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردە سەمىمىي، دوستانە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇردى. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو– قاتار مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىشىنىمەنكى، بۇ قېتىمقى زىيارىتىم ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى دوستانە ھەمكارلىقتا، يېڭى ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشىشكە تۈرتكە بولىدۇ .

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ