|
دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ 23 – ئىيۇن فىلىپپىننىڭ تەيفېڭ بورىنىنىڭ ھوجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن فىلىپپىن زۇڭتۇڭى ئارويۆگە ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. خۇ جىنتاۋ ھال سوراش تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى: دۆلىتىڭلار تەيفېڭ بورىنىنىڭ ھوجۇمىغا ئۇچراپ، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال–مۈلكى زور زىيانغا ئۇچرىدى، مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋەكالىتەن، سىز ۋە سىز ئارقىلىق فىلىپپىن ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن، قازا قىلغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن. ئۆزلىرىنىڭ رەھبەرلىكىدە، فىلىپپىن خەلقىنىڭ ئاپەت ئۈستىدىن چوقۇم غالىب كېلىپ، يۇرت–ماكانىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
|