|
6 – نۆۋەتلىك پيوڭياڭ خەلقئارا پەن – تېخنىكا كىتاپ كۆرگەزمىسى تۈنۈگۈن پيوڭياڭدىكى 3 چوڭ ئىنقىلاب كۆرگەزمىخانىسىدا ئېچىلدى. چاۋشيەندىكى ئالاقىدار ئەمەلدارلار بۇ قېتىمقى كىتاپ كۆرگەزمىسىنىڭ — دۆلەت بىلەن خەلق ئوتتۇرىسىدىكى چۈشىنىش ۋە ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغان پۇرسەت بولۇپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.
ياپونىيە ھۆكۈمىتى تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولىشىچە: بۇ يىل 2–پەسىلدە، خام ماتىرىيال باھاسى يۇقىرى بولۇش ۋە ياپونىيە يېنىنىڭ قىممىتى ئۆرلەش قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرى بىلەن، ياپونىيىدىكى چوڭ كارخانىلارنىڭ ئىشەنچ كۆرسەتكۈچىدە تارىختىكى يېڭى تۆۋەن نوقتا كۆرۈلگەن.
ئىسپانىيە دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا ئايان بولۇشىچە، 2008– يىلى 1–ئاينىڭ 1–كۈنى، مەزكۇر دۆلەتنىڭ نوپۇسى 46 مىليون 60 مىڭ بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە ، چەتئەللىك كۆچمەنلەر 5 مىليون 220 مىڭغا يېتىپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %11 دىن ئېشىپ كەتكەن.
ھىندىستان ئاخبارات ۋاستىسىنىڭ 23 – ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ھىندىستان دېپلوماتىيە مىنىستىرى پۇرانابۇ مۇكەرجې ئاۋسترالىيىدە زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، ئاۋسترالىيە تەرەپنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپلا ئاۋستىرالىيىگە ئوران ئېكىسپورت قىلغان.
زېمبابۋې سايلام كومىتېتى يېقىندا بايانات ئېلان قىلىپ، مۇشۇ ئاينىڭ 27– كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان زېمبابۋېنىڭ 2–نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى سايلىمىنىڭ تەييارلىق خىزمىتى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىنىپ بولغانلىقىنى جاكارلىدى.
ياپونىيە دېڭىز ئۈستى قوغدىنىش ۋازارىتىنىڭ ئەمەلدارى 23 – ئىيۇن مۇنداق دېدى:‹‹ 20 كىشى ئولتۇرغان بېلىقچىلىق كېمىسى شۇ كۈنى ياپونىيىنىڭ شەرقىي قىسمىدا ئۆرۈلۈپ كېتىپ، ھازىرغىچە 4 ئادەم ئۆلۈپ، 13 كىشىنىڭ ئىز- دېرىكى بولمىدى. قالغان ئۈچ كىشى بەختكە يارىشا قۇتقۇزىۋېلىندى››.
·ئەنگلىيە ساقچى تەرەپنىڭ بىر تىك ئۇچار ئايروپىلانى يېقىندا جەنۇبىي ۋېلش رايونىدا UFO بىلەن سوقۇلۇشۇپ كەتكىلى تاسلا قالدى. تىك ئۇچار ئايروپىلان تېزلىك بىلەن ئۆز يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولدى، نەتىجىدە ئايروپىلاندىكى 3 كىشى ئۆلۈم ئاغزىدىن قۇتۇلۇپ قالدى.
·پاكىستاندا چىقىدىغان ‹‹ خەۋەرلەر گېزىتى›› نىڭ 23 – ئىيۇندىكى سانىغا قارىغاندا، پاكىستاننىڭ غەربىي- شىمال قىسمىدىكى بىر توخو فېرمىسى مۇشۇ ئاينىڭ 22– كۈنى، H5N1 تىپلىق تارقىلىشچان قۇش زۇكىمى يۇقۇم ئەھۋالى بايقالغانلىقىنى دەلىللەنگەن.
|