باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
ئاپتونوم رايون تەييار ماي، توك باھاسىنى تەڭشەش خىزمىتى توغرىسىدا تېلېۋىزىيە– تېلېفون يىغىنى چاقىردى
2008- 06- 24 11:15 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى

      تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايون تەييار ماي، توك باھاسىنى تەڭشەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاش تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنى چاقىردى.

      تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنىغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى ياڭ گاڭ رىياسەتچىلىك قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى جايلار، تارماقلاردىن بۇ قېتىمقى باھانى تەڭشەش سىياسىتىنى قەتئىي  ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا يەنىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ، تەمىنلەشنى ياخشىلاپ، باھاغا چەك قويۇش ۋە تولۇقلىما ياردەم بېرىشكە ئالاقىدار سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. 

      گوۋۇيۈەن 6 – ئاينىڭ 20 – كۈنى سائەت 0 دىن باشلاپ، تەييار ماي ۋە توك باھاسىنى ئۆستۈرۈشنى، لېكىن سۈيۈقلاندۇرۇلغان گاز، تەبىئىي گاز باھاسىنى تەڭشىمەسلىكنى، ئاھالىلەر ئىشلىتىدىغان توك، يېزا ئىگىلىكى، خىمىيىۋىي ئوغۇت ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىدىغان توك باھاسىنى تەڭشىمەسلىكنى قارار قىلدى.

      نۇر بەكرى مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى مەملىكەت مىقياسى بويىچە تەييار ماي، توك باھاسىنى تەڭشەش — مەركەزنىڭ خەلق ئىگىلىكىنىڭ ھەم ياخشى ھەم تېز تەرەققىياتىنى ساقلاش ئۈچۈن، خەلقئارا، دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتىنى چىقىش قىلىپ، ۋەزىيەتنى كۈزىتىپ، قايتا – قايتا ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇھاكىمە قىلىپ، پايدا – زىياننى مۆلچەرلەپ كۆرگەندىن كېيىن چىقارغان زور تەدبىرى. جايلار، تارماقلار چوقۇم سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئومۇمىيلىقنى چىقىش قىلىشى، ئادەمنى ئاساس قىلىش، خەلق تۇرمۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش يۈكسەكلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، باھا تەڭشەش سىياسىتىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش بىلەن بىرگە، بۇ قېتىمقى تەييار ماينى تەڭشەشتىكى تۈرلۈك تولۇقلىما ياردەم پۇللىرىنى نەقلەشتۈرۈش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ياخشى ئىشلىشى كېرەك، مەركەز پاراۋانلىق تىپىدىكى كەسىپلەر ۋە قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا مۇناسىپ تولۇقلىما بېرىش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاشلىق تېرىغان دېھقانلارغا بېرىلىدىغان يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى ئۇنىۋېرسال تولۇقلىمىسىنى ھەر موسىغا قاراپ يەنە 5 يۈەن ئاشۇرۇشنى؛ بۇ يىل 7 – ئايدىن باشلاپ، شەھەرلەردىكى ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوبيېكتلىرىغا ھەر بىر ئادەمگە ھەر ئايدا بېرىلىدىغان تولۇقلىما ياردەم پۇلىنى يەنە 15 يۈەن ئاشۇرۇشنى، يېزىلاردىكى ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوبيېكتلىرىغا ھەر بىر ئادەمگە ھەر ئايدا بېرىلىدىغان تولۇقلىمىنى يەنە 10 يۈەن ئاشۇرۇشنى؛ مەركەز ۋە يەرلىك مالىيە تاكسى تىجارىتى بىلەن شوغۇللانغۇچىلارنىڭ بۇ قېتىمقى ماي باھاسىنى ئۆستۈرۈش سەۋەبلىك ئېشىپ كەتكەن چىقىمىغا پۈتۈن سومما بويىچە تولۇقلىما بېرىشنى قارار قىلدى. ئاپتونوم رايون مالىيىسى تولۇقلىما ياردەم پۇلىنى ۋاقتىدا يەرلىككە ئاجرىتىشى كېرەك، يەرلىك مالىيە سۈرۈك ئىچىدە يېتەرلىك سوممىدا تولۇقلىما ياردەم پۇلىنى تولۇقلىما ياردەم ئوبيېكتلىرىغا تارقىتىپ بېرىشى كېرەك، ئاشلىق تېرىغان دېھقانلار، شەھەرلەردىكى ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوبيېكتلىرى، شەھەرلەردىكى تاكسى تىجارىتى بىلەن شوغۇللانغۇچىلارغا ئايرىم ھالدا 1 ئاي ئىچىدە، 7 – ئاينىڭ 15 – كۈنىدىن بۇرۇن ۋە 7– ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن بۇرۇن تولۇقلىما ياردەم ئوبيېكتلىرىغا تارقىتىپ بېرىش كېرەك. مەركەز ئاجراتقان تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى ھېساباتقا كىرىشتىن بۇرۇن ئاپتونوم رايون مالىيىسى ئاۋۋال چىقىم قىلىپ تۇرىدۇ.

      نۇر بەكرى جايلار، تارماقلاردىن بازارنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بازارنى تەمىنلەش ۋە باھانىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى، ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى باھانى تەڭشەش بولۇپمۇ تەييار ماي باھاسىنىڭ ئۆرلەش دەرىجىسى تارىختا ئەڭ زور بولغان بىر قېتىملىق تەڭشەش بولۇپ، ئالاقىدار كەسىپلەرگە زور تەسىر كۆرسىتىدۇ، جايلار، تارماقلار يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، بىر تەرەپتىن، بازارنىڭ ئېھتىياجى ۋە بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى ئەتراپلىق ئويلىشىپ، باھانى تەڭشەش لايىھىسىنى قاتتىق كونترول قىلىپ، ئىلمىي مۇۋاپىق تۈزۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ رەسمىيەت ھەققىنى تۆۋەنلىتىش، كەچۈرۈم قىلىش، تىجارەتچىلەرنىڭ نامۇۋاپىق يۈكلىرىنى يېنىكلىتىش خىزمىتى سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىش كېرەك، يەنە بىر تەرەپتىن، ئىشلەپچىقىرىش ۋە بازارنى تەمىنلەش سالمىقىنى زورايتىپ، ئاشلىق، سۇ يېغى، گۆش تۈرلىرى، كۆكتات قاتارلىق قوشۇمچە يېمەكلىكلەر بىلەن تەمىنلەش ۋە باھانى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات، مال باھا تارماقلىرى مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ كۆمۈر باھاسىغا ۋاقىتلىق ئارلىشىش تەدبىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، كۆمۈر باھاسىنىڭ بۇ ئېقىمغا ئەگىشىپ ئۆرلەپ كېتىشىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىشى ھەمدە قەتئىي ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

      ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كۆرەش مەخسۇت، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ يۇڭمىڭ، ليۇ يەنلياڭ يىغىنغا قاتناشتى.

تەرجىمان: مۇھەممەد ئەۋەل     

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ