|
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2008–يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى 6–ئاينىڭ 22–كۈنى ئاياغلاشتى.
ئىگىلىنىشچە ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر مۇشۇ ئاينىڭ 25–كۈنىدىن باشلاپ، ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭ مائارىپ ئۇچۇر تورى(http://www.xjedu.gov.cn)، شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورىغا (www.xjzs.edu.cn) چىقىش ياكى نۇمۇر سۈرۈشتە قىلىش تېلېفونى ئارقىلىق ئىمتىھان نەتىجىسىنى سۈرۈشتە قىلسا بولىدىكەن. ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان نۇمۇرىغا ئاساسەن، ھەر تەرەپلىمە ئويلىشىش ئارقىلىق، ھەر قايسى تۈركۈملەر بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى نۇمۇر چېكىنى بېكىتىدىكەن . نۇمۇر چېكى مۇشۇ ئاينىڭ 28– كۈنى ئەتراپىدا ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقىلىق جەمئىيەتكە ئېلان قىلىنىدىكەن.
|