باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
خۇجىنتاۋ گرېتسىيە زۇڭتۇڭى بىلەن كۆرۈشتى
2008- 06- 24 10:27 تەڭرىتاغ تورى

     شىنخۇا تورى بېيجىڭ 23 – ئىيۇن تېلېگراممىسى : دۆلەت رەئىسى خۇجىنتاۋ 23 – ئىيۇن چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان گرېتسىيە زۇڭتۇڭى پاپۇلىئاس بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى . سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئىككى تەرەپ ھەر ساھە ھەمكارلىق ، ئالماشتۇرۇشنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ ، جۇڭگو – گرېتسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستىراتېگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى .

     شۇ كۈنى كەچتە ، خۇ جىنتاۋ بىلەن پاپۇلىئاس بىرلىكتە 6 – نۆۋەتلىك ‹‹بېيجىڭ — 2008›› ئولىمپىك مەدەنىيەت بايرىمى ھەمدە ‹‹2008–يىلى بېيجىڭدا ئۇچرىشىش›› مەدەنىيەت پائالىيىتى باشلىنىش مۇراسىمىنىڭ كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىگە قاتناشتى .

    كېچىلىكتە ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن 400 دىن ئارتۇق ئاتاقلىق سەنئەتكارلار تاللانغان ، سەرخىل نومۇرلارنى ئورۇنداپ ، مەيداندىكىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى .

 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ