|
ئامېرىكا ‹‹ماكلاچى›› گېزىتىنىڭ 4 – ئىيۇندىكى ‹‹بىر قېتىملىق ئولىمپىك ئۇسلۇبىدىكى ۋەقەدە، جۇڭگو غەلىبە قىلىشى مۇمكىن، ئۇ بولسىمۇ ئىنسانلارنىڭ كېلەر قېتىملىق ئايغا چىقىشى››، دېگەن سۆزلەر بىلەن باشلانغان خەۋىرىدە، ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى (NASA) نىڭ ئاينى تەكشۈرۈش پىلانىغا مەسئۇل گىلبرېس: جۇڭگو 2017 – يىلى ياكى 2018 – يىلى، يەنى ئامېرىكا پىلانلىغان 2020 – يىلىدىن بۇرۇن ئايغا چىقىدۇ، دېدى.
‹‹ماكلاچى›› گېزىتىنىڭ 4 – ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇش زۇڭتۇڭنىڭ ‹‹ئالەم بوشلۇقىنى چارلاش يېڭى قىياسى››نىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، NASA نىڭ ‹‹يۇلتۇزلار تۈركۈمى پىلانى››نىڭ نىشانى 2020 – يىلى ئامېرىكا ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى ئايغا قايتا چىقىرىش ئىكەن. ئەمما NASA تەكشۈرۈش سىستېمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گىلبرېس: ‹‹ئەگەر جۇڭگو يولغا قويۇۋاتقان تۈرىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرسە، ئىككى – ئۈچ يىلدا ئامېرىكىنى يېڭىپ، ئامېرىكىدىن بۇرۇن ئايغا چىقىدۇ››، دېدى. ئۇ جۇڭگولۇقلارنىڭ 2017 – يىلى ياكى 2018 – يىلى ئايغا چىقىشى مۇمكىنلىكىنى قىياس قىلدى.
‹‹ماكلاچى›› گېزىتىدە مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكا ئالەم بوشلۇقىنى چارلاش ساھەسىدە جۇڭگودىن خېلىلا ئۈستۈن تۇرىدۇ. جۇڭگو تەقلىد قىلىپ ئىشلەۋاتقان تېخنىكىنى ئامېرىكا 40 يىل بۇرۇنلا تاماملاپ بولغان. NASA نىڭ ئايغا قايتا چىقىش پىلانى جۇڭگونىڭكىگە قارىغاندا خېلىلا دادىل پىلان. گىلبرېس: جۇڭگو ‹‹ئاپوللو››غا ئوخشاش ئايغا چىقىش ئۇسۇلىنى قوللانماقچى، ئەمما بىزنىڭ پىلانىمىز ‹‹ئاپوللو›› پىلانىدىن خېلىلا دادىل پىلان. بىز تۆت ئالەم ئۇچقۇچىسىنى ئايدا يەتتە كۈن تۇرغۇزىمىز، ئاخىرىدا يېرىم يىلغا يەتكۈزىمىز، دېدى. ئۇ: جۇڭگو ئەڭ تۆۋەن دەرىجىلىك ئايغا چىقىش ئىقتىدارى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ. ئەمما بىز ئايدا بازا قۇرىمىز، دېدى.
‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى››دىن
|