|
97 – نۆۋەتلىك گېرمانىيە كاتولىكلار يىغىنىدا گېرمانىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ زۇڭتۇڭى خورىست كولېر ياۋروپانىڭ خەلقئارا ئىشلاردا ھاكاۋۇرلۇق ھەم ئەخلاقسىزلىق قىلغانلىقىنى ئەيىبلەپ: ياۋروپا ئالدى بىلەن ئۆزىنى تەكشۈرۈشى كېرەك، كەلگۈسىدە جۇڭگومۇ دېموكراتىك دۆلەتكە ئايلىنىدۇ، دېدى.
يېقىندىن بۇيان ياۋروپادا جۇڭگونىڭ ئافرىقىدىكى ئىقتىسادىي پائالىيەتلىرىنى ‹‹يېڭى مۇستەملىكىچىلىك›› دەيدىغانلار كۆپىيىپ قالدى. ئۇزاقتىن بۇيان ئافرىقا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان كولېر بۇنىڭغا جاۋابەن: مەن ئافرىقىدا ياۋروپالىقلارنىڭ ئىپادىسىنىڭ جۇڭگولۇق ياكى روسىيىلىكلەرنىڭكىدىن پەرقلەنمەيدىغانلىقىنى كۆرگەن. ياۋروپالىقلار ئۆزىنى ھەممىدىن ئۈستۈن چاغلاپ باشقىلارنى سەۋەبسىز ئەيىبلەشتىن ۋاز كېچىشى كېرەك، دېدى.
كولېر شۋېتسارىيىلىك ئىككى مۇخبىر يېقىندا نەشر قىلدۇرغان ‹‹جۇڭگونىڭ ئافرىقىسى›› سەرلەۋھىلىك تەكشۈرۈش دوكلاتىنى تونۇشتۇردى. دوكلاتتا: ھازىر ئافرىقىدا ياشاۋاتقان، خىزمەت قىلىۋاتقان جۇڭگولۇقلار 500 مىڭغا يەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ سان تېز ئېشىۋاتىدۇ، دېيىلگەن ھەم ئافرىقىدىكى جۇڭگولۇقلار بىلەن ئافرىقىدىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى ياۋروپالىقلار ئوتتۇرىسىدا غايەت زور پەرق بارلىقى، يەنى جۇڭگولۇقلارنىڭ ھېرىپ – چارچىشى ئافرىقىلىقلارنىڭكىدىن قېلىشمايدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
كولېر مۇنداق كۆرسەتتى: ياۋروپالىقلار جۇڭگونىڭ ئافرىقىغا قاراتقان سىياسىتىنى تەنقىد قىلغاندا سەل ئېھتىياتچان بولۇشى كېرەك. ئافرىقا مۇرەككەپ بيۇروكرات تەرتىپنى ئەمەس، بەلكى جۇڭگونىڭ سودا ۋە مەبلەغ سېلىش پائالىيەتلىرىنىڭ ئافرىقا ئىقتىسادىغا ھاياتىي كۈچ قوشۇشىنى بەكرەك ئۈمىد قىلىدۇ.
كولېر جۇڭگونىڭ ھازىرقى ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىسى توغرىسىدا توختالغاندا: جۇڭگونىڭ ھازىرقى ئىنسانىي ھوقۇق ئەھۋالىدىن قارىغاندا، تۈزىتىشكە تېگىشلىك يەرلىرى يەنە خېلى كۆپ، يېقىندا جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇپ بۇ جەھەتتە خېلى زور ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشكەنلىكىنى كۆردۈم. جۇڭگونىڭ ئىنسانىي ھوقۇققا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزگەنلىكىنىڭ ئۆزىلا ماختاشقا تېگىشلىك ئىش، دېدى.
كولېر بېيجىڭ ئو ت م ۋە ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىسى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن ‹‹سۆزلىشىش››كە تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ، بۇنىڭ تەسىرى ئىجابىي بولىدۇ. جۇڭگونىڭ 500 مىليون كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرغانلىقى، قولغا كەلتۈرگەن ئىقتىسادىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ. بۇ، دۇنياۋىلىشىشنىڭ ئىنسانىيەتكە نامراتلىق ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەرنى جۇڭگو ياراتقان بايلىقتىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى››دىن
|