باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
ئۇدا داۋاملاشقان قۇرغاقچىلىقتا 8 مىليون500 مىڭ مو ئېتىز ئاپەتكە ئۇچرىدى
2008- 06- 23 12:13 شىنجاڭ گېزىتى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 19 – ئىيۇن تېلېگراممىسى. سۇچىلىق تارماقلىرى تەمىنلىگەن ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، ئىككى ئاي داۋاملاشقان قۇرغاقچىلىقتا شىنجاڭدىكى 8 مىليون 500 مىڭ مو ئېتىزلىق ئاپەتكە ئۇچرىدى.

   ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتىدىكى خادىم مۇنداق دېدى: ‹‹بۇ يىل ئەتىياز كىرگەندىن بۇيان، ئۇدا داۋاملىشىۋاتقان قۇرغاقچىلىق تارباغاتاي، قەشقەر قاتارلىق ئالتە ۋىلايەت، ئوبلاستتا قۇرغاقچىلىق پەيدا قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە تارباغاتاي ۋىلايىتىدە 35 يىلدىن بۇيان كۆرۈلمىگەن پەۋقۇلئاددە زور قۇرغاقچىلىق يۈز بېرىپ، 3 مىليون مودىن كۆپ يەردىكى زىرائەتلەر ئاپەتكە ئۇچرىدى.

   بۇلتۇر قىشتىن بۇيان، ئاپتونوم رايوندا قار ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە قارىغاندا ئاز ياغدى؛ ئەتىياز كىرگەندىن كېيىن بولسا، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب – شىمالىدىكى كۆپ قىسىم رايونلاردا تېمپېراتۇرا يۇقىرى بولۇپ، يامغۇر ئاز ياغدى، قۇرغاق شامال كۆپ چىقتى، ئوتتۇرا، كىچىك دەريا ئېقىنلىرىغا كېلىدىغان سۇ زور مىقداردا ئازىيىپ كەتتى ھەم داۋاملىق ئازايدى.

   ئەۋج ئالغان ئىسسىقمۇ كەڭ دائىرىدىكى ئوتلاقلاردا قۇرغاقچىلىق كەلتۈرۈپ چىقاردى. ھازىر تارباغاتاي ئويمانلىقىدىكى 85 مىليون مو ئوتلاقتىكى ئېغىر قۇرغاقچىلىق بولغان كۆلەم 5600 موغا يېتىپ، كىشىلەر چارۋا بېقىشقا ئامالسىز قالدى.

   ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى خۇڭ جياشى مۇنداق دېدى: ‹‹6 – ئايدىن كېيىن، زىرائەتلەرگە سۇ ئىشلىتىش يۇقىرى باسقۇچقا كىرسە، قۇرغاقچىلىق ئەھۋالى يەنىمۇ ئەۋج ئېلىشى ۋە كۈچىيىپ كېتىشى مۇمكىن.›› قۇرغاقچىلىق ئەھۋالىنىڭ تېخىمۇ چوڭ زىيانلارنى ئېلىپ كېلىشىنى ئازايتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت جايلارنىڭ پائال تەدبىر قوللىنىپ، قۇرغاقچىلىققا پۈتۈن كۈچ بىلەن تاقابىل تۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ