باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئوتلاقلىرىدا ھاشارات، چاشقان ئاپىتى تېز يامراپ كەتتى
2008- 06- 23 12:11 شىنجاڭ گېزىتى

   ئاپتونوم رايونلۇق چېكەتكە – چاشقان يوقىتىش قوماندانلىق شتابى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئوتلاقلىرىدىكى ھاشارات، چاشقان ئاپىتى يۇقىرى دولقۇنغا كىرىپتۇ، شىمالىي شىنجاڭنىڭ تەڭرىتاغ ئەتراپى، شەرقىي شىنجاڭ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ قىسمەن رايونلىرى ۋە ئالتاي تېغىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ئوتلاقلاردا ھاشارات، چاشقان ئاپىتى تېز يامراپ كېتىپتۇ.

   ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلىرىدىكى چېكەتكە، چاشقان ئاپىتىنى ئالدىن كۈزىتىش، مەلۇمات بېرىش پونكىتلىرىنىڭ ئادەتتىكى تەكشۈرۈش سانلىق ستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، 2008 – يىللىق مۆلچەردە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھاشارات ئاپىتى زىيانغا ئۇچراتقان ئوتلاق كۆلىمى 35 مىليون 920 مىڭ موغا، ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان ئوتلاق كۆلىمى 19 مىليون 600 مىڭ موغا؛ چاشقان ئاپىتى زىيانغا ئۇچراتقان ئوتلاق كۆلىمى 68 مىليون 700 مىڭ موغا، ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان ئوتلاق كۆلىمى 33 مىليون 700 مىڭ موغا يېتىدىكەن. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھاشارات ئاپىتى زىيانغا ئۇچراتقان ئوتلاق كۆلىمى 17 مىليون 784 مىڭ موغا، ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان ئوتلاق كۆلىمى 8 مىليون 273 مىڭ موغا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە چېكەتكە ئاپىتىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان ئوتلاق كۆلىمى 15 مىليون 647 مىڭ موغا، ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان ئوتلاق كۆلىمى 727 مىڭ 900 موغا يەتكەن. چېكەتكە ئاپىتى ئاساسلىقى تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتى قاتارلىق جايلاردا يۈز بەرگەن. يوپۇرماق قوڭغۇزى، ئوتلاق پەرۋانىسى، پەرۋانە قاتارلىق باشقا ئوتلاق زىيانداشلىرى ئاپىتى ئاساسلىقى ئىلى دەريا جىلغىسى ۋە چۆچەك، سانجى، قۇمۇل، بايىنغولىن، قىزىلسۇ، خوتەن قاتارلىق ۋىلايەت، ئوبلاستلاردا يۈز بەرگەن.

   ئاپتونوم رايونلۇق چېكەتكە – چاشقان يوقىتىش قوماندانلىق شتابى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى مۇ چېڭ مۇنداق دېدى: ‹‹شىنجاڭدا چاشقاننىڭ تۈرى 70 خىلدىن كۆپ بولۇپ، تۈر ۋە تارقىلىش سانى جەھەتتە مەملىكەت بويىچە ئىزچىل ئالدىنقى ئورۇننى ئىگىلەپ كېلىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ سانىنىڭ ئۆزگىرىش قانۇنىيىتى پارتلاشچانلىق ۋە تاساددىپىيلىققا ئىگە، ئۇلار يەنە ئوزۇقلىنىش خۇسۇسىيىتى مۇرەككەپ، كۆپىيىشچانلىقى، كۆچۈشچانلىقى، ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە، بۇلار شىنجاڭ ئوتلاقلىرىدا چاشقان ئاپىتىنىڭ نۆۋەتلىشىپ يۈز بېرىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب. بۇ يىلقى ھاشارات ئاپىتىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بۇلتۇرقى ئىللىق قىش ھاۋا كىلىماتى يوپۇرماق قوڭغۇزى، ئوتلاق پەرۋانىسى، پەرۋانە قاتارلىق ھاشاراتلارنىڭ قىشتىن ئۆتۈپ ئەي بولۇش سانىنى كۆپەيتىۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ يىل ئەتىيازدا يامغۇرنىڭ بىر قەدەر كۆپ يېغىشى، ھاۋا كىلىماتىنىڭ نەم بولۇشىمۇ چېكەتكە، يوپۇرماق قوڭغۇزى قاتارلىقلارنىڭ كۆپىيىشىنى تېزلىتىۋەتتى. ياز كىرگەندىن بۇيان يۈز بېرىۋاتقان قۇرغاق ھاۋا كىلىماتى قىسمەن رايونلاردا چېكەتكىنىڭ زىچ پەيدا بولۇش نىسبىتىنى ئازراق ئۆرلىتىۋەتتى.

   جايلار ئوتلاقلاردىكى ھاشارات، چاشقان ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش – يوقىتىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بالدۇر تەييارلىق قىلىپ، بالدۇر قول سېلىپ، ئوتلاق جانلىقلىرى ئاپىتىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئۈنۈملۈك تىزگىنلىدى. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدا 3 مىليون 160 مىڭ مو ئوتلاقتا ھاشارات ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش – يوقىتىش تاماملاندى، بۇنىڭ ئىچىدە خىمىيىلىك ئالدىنى ئېلىش – يوقىتىش كۆلىمى 137 مىڭ 500 مو، بىئولوگىيىلىك ئالدىنى ئېلىش – يوقىتىش كۆلىمى 178 مىڭ 500 مو، ئېكولوگىيىلىك تۈزەلگەن كۆلەم 130 مىڭ مو. ئەتىيازلىق ئوتلاق چاشقان ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش – يوقىتىش كۆلىمى 10 مىليون 700 مىڭ مو بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئادەتتىكى ئالدىنى ئېلىش – يوقىتىش كۆلىمى 3 مىليون 500 مىڭ مو، چاشقان ئاپىتى يوق ئۈلگە رايونىدىكى ئالدىنى ئېلىش – يوقىتىش كۆلىمى 7 مىليون 200 مىڭ مو.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ