باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
تەبىئىي گاز ھەر مىللەت خەلقىگە بەخت ئېلىپ كەلدى
2008- 06- 23 12:09 شىنجاڭ گېزىتى

 ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى توغرىسىدا (13)

   ئاتوم يادروسىنىڭ پارچىلىنىشىدىن غايەت زور ئېنېرگىيە پەيدا بولغانغا ئوخشاش، تەبىئىي گاز بايلىقى ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىقمۇ ئوخشاشلا غايەت زور ‹‹ئېنېرگىيە›› گە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

   بۈگۈنكى شىنجاڭنىڭ نېفىت، گاز ئېكۋىۋالېنتى داچىڭنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ. 2007 – يىلى شىنجاڭنىڭ تەبىئىي گاز مەھسۇلاتى 21 مىليارد 50 مىليون كۇب مېتىرغا يېتىپ، مەملىكەت بويىچە 1 –  ئورۇنغا ئۆتتى.

تەبىئىي گاز بايلىقىنى ئېچىش –– پايدىلىنىشنىڭ تازا دەل ۋاقتى

   شىنجاڭنىڭ تەبىئىي گاز يوشۇرۇن كۈچىنىڭ زورلۇقى ھەممىنى قايىل قىلىدۇ. شىنجاڭدا تەبىئىي گاز بايلىقىنىڭ مىقدارى 10 تىرىليون 850 مىليارد كۇب مېتىر بولۇپ، مەملىكەت بويىچە قۇرۇقلۇق تەبىئىي گاز بايلىقى مىقدارىنىڭ %28ىنى ئىگىلەيدۇ، مول تەبىئىي گاز بايلىقى ئاساسلىقى تارىم، جۇڭغار، تۇرپان – قۇمۇل  ئويمانلىقلىرىغا تارقالغان.

   ئون يىلنىڭ ئالدىدا، تارىم نېفىتلىكىدىكى ئىشچىلار تەكلىماكان قۇملۇقىدا ‹‹قارا 2›› چوڭ گازلىقىنى بايقاپ، تارىم ئويمانلىقىدا تەبىئىي گاز بايلىقىنى ئېچىشنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىغان ئىدى، ئارقىدىن تەكلىماكان قۇملۇقىدا يەنە چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى تەبىئىي گازلىقتىن ئالتىسى بايقالدى. ھازىرغا قەدەر تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان تەبىئىي گاز زاپىسى 724 مىليارد 134 مىليون كۇب مېتىرغا يەتتى.

   2007 – يىل 4 – ئاينىڭ 25 – كۈنى يېڭى مەھەللە گازلىقى قۇرۇلۇپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى ھەم ‹‹غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش››نىڭ  يەنە بىر گاز مەنبەسى بولۇش سۈپىتى بىلەن يىلىغا 2 مىليارد 500 مىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گاز يەتكۈزدى.

   2007 – يىلى تارىمنىڭ تەبىئىي گاز مىقدارى 2006 – يىلىدىكىدىن 4 مىليارد 500 مىليون كۇب مېتىر ئېشىپ، تارىم مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش رايونىغا ئايلاندى ھەم جۇڭگو نېفىت، تەبىئىي گاز گۇرۇھىنىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشقا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %40تىن ئاشتى.

   دۆلەت ئىچىدىكى بىر نېفىت، تەبىئىي گاز مۇتەخەسسىسى ئوبرازلىق قىلىپ: شىنجاڭنىڭ تەبىئىي گازنى ئېچىشى ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشى ‹‹ياشلىق دەۋرى››دە تۇرۇۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە يوشۇرۇن كۈچى ناھايىتى زور، دېدى.

   2010 – يىلىغا بارغاندا، شىنجاڭنىڭ يىللىق تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى 30 مىليارد كۇب مېتىردىن ئاشۇرۇلىدۇ.

تەبىئىي گاز دېھقانلارغا ‹‹بەخت›› ئېلىپ كەلدى

   28 ياشلىق كېرەم نىياز ئىلگىرى بايىنبۇلاق يايلىقىدا چارۋىچىلىق قىلاتتى، ئۇ كالا – قوي بېقىپ، كىراكەشلىك قىلىپ بېيىدى. ئۇ 2004 – يىلىنىڭ ئاخىرى ئۈرۈمچىدىكى ‹‹تيەنيۈەن››ئولتۇراق رايونىدىن يېڭى ئۆي سېتىۋېلىپ، ئائىلىسىدىكىلەرنى چارۋىچىلىق رايونىدىن ئۈرۈمچىگە كۆچۈرۈپ كېلىپ شەھەردە ماكانلاشتى.

   كېرەم نىياز ئۈچۈن ئېيتقاندا،  ھەممىدىن چوڭ ئۆزگىرىش بولغىنى، ئۇ ئىلگىرى  ئوتۇن، تېزەك ھەم كۆمۈر قالايتتى، ھازىر تەبىئىي گاز ئىشلىتىدىغان بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ‹‹ئىلگىرى ئىسسىنىش ئۈچۈن بىر قىشتا 800 يۈەنلىك كۆمۈر سېتىۋالاتتىم، توك بىلەن ئىسسىنساممۇ ئاز دېگەندە 1000 يۈەن كېتەتتى، تەبىئىي گاز ئىشلەتكەندىن بېرى كۈنىگە ئىككى يۈەنمۇ كەتمەيدۇ، ناھايىتى ئەرزان توختىدى، تەبىئىي گاز ھەم پاكىز، ھەم قۇلايلىق ئىكەن، چاغاندىن كېيىن ئاتا – ئانامنىمۇ ئەكىلىۋېلىپ، بەختلىك تۇرمۇشتىن ئۇلارنىمۇ بەھرىمەن قىلىمەن››.

   2007 – يىلىنىڭ ئاخىرى ئۈرۈمچىدە تەبىئىي گاز ئىشلىتىدىغان ئائىلىلىك 560 مىڭغا، تەبىئىي گاز يېقىلغۇ قىلىنىدىغان ئاپتوموبىل 13 مىڭغا، يىللىق تەبىئىي گاز سەرپىياتى 40 مىڭ كۇب مېتىرغا يەتتى.

   2004 – يىل 11 – ئاينىڭ 26 – كۈنى خوتەن شەھىرى ئاھالىلىرى تۇنجى قېتىم تەبىئىي گاز ئىشلەتتى. تارىم نېفىتلىكىنىڭ تەبىئىي گاز ئېچىش مىقدارىنىڭ يەنىمۇ ئېشىشىغا ئەگىشىپ خوتەن شەھىرىنىڭ تەبىئىي گاز ئىشلىتىش قەدىمى تېزلىشىپ، تەبىئىي گاز ئىشلىتىدىغان ئائىلىلىك 4000 دىن ھازىرقى 15 مىڭ 500 گە يەتتى، يەنە 12 مىڭ ئائىلىلىك پات ئارىدا تەبىئىي گاز ئىشلىتىدۇ. شەھەر بويىچە تەبىئىي گاز يېقىلغۇ قىلىنىدىغان پارقازان ئۈچتىن 110 غا كۆپەيدى؛ شەھەر ئىچىدە قاتنايدىغان يۈزگە يېقىن ئاممىۋى ئاپتوبۇس بىلەن 1500چە كىرا ئاپتوموبىلىنىڭ ھەممىسى تەبىئىي گاز يېقىلغۇ قىلىنىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىلدى. تەبىئىي گاز بىلەن ئىسسىتىلىدىغان دۇكان 100 گە يېقىنلاشتى، تەبىئىي گازلىق تام مەش ئىشلىتىدىغان ئائىلە 2500 گە يەتتى.

   جۇڭگو نېفىت، تەبىئىي گاز گۇرۇھى ۋە تارىم نېفىتلىكىنىڭ قوللىشى بىلەن خوتەن شەھىرىدىكى ئاھالىلەر گاز ئىشلىتىشتە مەملىكەت بويىچە ئەڭ ئەرزان باھادىن بەھرىمەن بولۇۋاتىدۇ. خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئابدۇراخمان قۇربان مۇنداق دېدى: ‹‹بۇلتۇردىن باشلاپ تەبىئىي گاز خوتەن شەھىرىنىڭ توك چىقىرىش، ئىسسىنىش، ئاپتوموبىل، يېمەك – ئىچمەك جەھەتتە ۋە پۇقرالار تۇرمۇشىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئومۇملاشتى. خوتەن ۋىلايىتى يۇقىرىقى بىر نەچچە تۈردىلا ھەر يىلى 100مىليون يۈەندىن ئارتۇق يېقىلغۇ پۇلىنى تېجەپ قالالايدۇ››.

  تەبىئىي گاز خام ئەشيا قىلىنىپ ئىشلەپ چىقىرىلغان خىمىيىۋى ئوغۇت دېھقانلارنىڭ بېيىشتىكى ياخشى ياردەمچىسىگە ئايلاندى. مەن بۇ يىل 5 – ئاينىڭ ئاخىرى پەيزاۋات ناھىيىسىنىڭ يېڭىمەھەللە يېزىسى ھادىرا كەنتىدە دېھقان مۇھەممەد ئابلانى ئۇچراتتىم، ئۇ ئوخشىغان بۇغدايلىرىغا قاراپ ھاياجان بىلەن: ‹‹مېنىڭ 20 مو يېرىم بار، ھەر يىلى 800 كىلوگرام ئوغۇت ئىشلىتىمەن. ‹‹قاراقۇرۇم›› ماركىلىق ئۇرېيەنى ئىشلەتكەندىن بۇيان بۇغدايلار ناھايىتى ياخشى ئۆسۈپ، ھوسۇلى ئاشتى، كىرىمىممۇ كۆپەيدى››، دېدى.

تەبىئىي گاز ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلدى

   ‹‹يېشىل ئېنېرگىيە›› دەپ تەرىپلىنىدىغان تەبىئىي گازنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇ پاكىز بولۇپ، كۆيگەندە گۈڭگۈرت تۆت ئوكسىد، چاڭ  – توزان چىقارمايدۇ.

   بىر ئائىلە كۈنىگە بىر كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ئىشلىتىدۇ، دەپ ھېسابلىساق، تارىم نېفىتلىكى بىر يىلدا ئىشلەپ چىقىرىدىغان تەبىئىي گاز ئارقىلىقلا 35 مىليون ئائىلىدىكى 100 مىليون كىشىنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قامدىغىلى بولىدۇ.

   شىنجاڭ غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش تۇرۇبا شىركىتىنىڭ بىر مەسئۇلى مۇنداق ھېساب – كىتاب قىلىپ بەردى: 2004 – يىلى ‹‹غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش›› قۇرۇلۇشى شاڭخەينى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشكە رەسمىي باشلىغاندىن تارتىپ، 2007 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش تۇرۇبىسى ئارقىلىق 27 مىليارد كۇب مېتىر گاز يەتكۈزۈلدى، بۇ 30 نەچچە مىليون توننا ئۆلچەملىك كۆمۈرنى قالىغانغا باراۋەر بولۇپ، 1 مىليون 421 مىڭ توننا زىيانلىق ماددىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنىڭ ئالدى ئېلىندى.

   ستاتىستىكا قىلىنىشىچە، تارىمنىڭ تەبىئىي گازى غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش تۇرۇبىسى ئارقىلىق شەرقتىكى 12 ئۆلكە، ئاپتونوم رايوندىكى 80دىن ئارتۇق چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرنى تەمىنلەيدىكەن، تەبىئىي گاز ئىشلىتىدىغان ئائىلە 10 مىليوندىن ئاشىدىكەن.

    بۇنىڭدىن سىرت، شىنجاڭنىڭ تەبىئىي گازى يەنە 2008 – يىللىق بېيجىڭ يېشىل ئو ت م غا تۆھپە قوشىدىكەن.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ